6-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 2015-يىلدىكى يېمەكلىك بىخەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ 7-قارارلىق ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى ئاشكارلىدى. بۇ قېتىمقى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان يېمەكلىك جەمئىي ئۈچ تۈركۈم بولۇپ، بەرەڭگە قەلەمچىسى ۋە كۆپتۈرمە يېمەكلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم 17 چوڭ تۈردىكى 219 تۈركۈم يېمەكلىك ۋە 35 تۈركۈم ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان نۇسخا 216 تۈركۈم، لاياقەتسىز بولغان نۇسخا 3 تۈركۈم بولغان. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان نۇسخا 34 تۈركۈم، لاياقەتسىز بولغان نۇسخا بىر تۈركۈم بولغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى كەڭ ئىستېمالچىلارنى بازارلاردا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان لاياقەتسىز يېمەكلىكلەرنى بايقىغان ھامان دەل ۋاقتىدا 12331 ئەرز -شىكايەت قىززىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال مەلۇم قىلىشىنى ئەسكەرتكەن.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved