ئابى شىنزو پۇتىنغا ياخشىچاق بولۇپ، جۇڭگونى تەنقىد قىلدى

     ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو رۇسىيەنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا پۇتىنغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، غەرب ئەللىرىنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلغان، چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

      ئابى شىنزو سەئۇدى بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ قېلىشى، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ۋە ھەمدە تېررورىزم كۈچلىرىنىڭ تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: بىز رۇسىيەنىڭ بۇ ئىشلارغا قاتنىشىشىغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەتتە دۆلەت گۇروھىنىڭ 2016-يىللىق رەئىسى بولۇش سالاھىيىتى سۈپىتىدە موسكۋانى زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ۋە ھەمدە پۇتىننى توكيوغا زىيارەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. ئابى شىنزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە رايون ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى بولغان ھەل قىلىش تەدبىرى ئىزدەۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن مۇۋاپىق ۋاقىتتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم.

      ئابى شىنزو زىيارەت داۋامىدا يەنە جۇڭگونىڭ دېڭىز رايونىدىكى ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ «ياپونىيە جۇڭگو تەرەپنىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا قارتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنى تىلغا ئالغاندا يەنە «جۇڭگو چوقۇم خەلقئارا ئىقتىسادىنىڭ پىرىنسىپىغا بويسۇنۇشى كېرەك» دېگەن.

    جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى ئېنىق بىلدۈرۈپ «ياپونىيە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق دۆلەتلەردىن ئەمەس، ياپونىيەنىڭ جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىگە ئارىلىشىدىغان ھەققى يوق» دېگەن. لېكىن ياپونىيە يېقىندىن بۇيان جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە «چوڭ سەكرەپ» جۇڭگونى ئەيىبلەپلا قالماي، ھەتتا يەنە ئامېرىكا بىلەن بىرگە جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغان.

   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھەربىي پاراخوتىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىغا قارتا يېڭىدىن تاقابىل تۇرۇش فاڭجېنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭدا ئەگەر جۇڭگو تەرەپنىڭ كېمىلىرى دياۋيۈ ئارىلىغا كىرگەن ھامان، ياپونىيە دېڭىز مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ كېمىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.



خەتكۈچلەر:
19-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek