شىنجاڭ تورى خەۋىرى: دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنىڭ تۇرپان-ئۈرۈمچى يۆنىلىشىدىكى خوگېل ئەگمە كۆۋرۈكى بۆلىكىدە تۈنۈگۈن (26-ئاپرېل) سائەت 15:40 دە بىر قارا رەڭلىك پىكاپ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كېتىپ، نەچچە يۈز ئاپتوموبىل بۇ يولدا بىر سائەت توسۇلۇپ قالدى، ئۆچىرەت ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىرغا يەتتى.
بۇ پىكاپنى ھەيدىگەن ياڭ ئۇستامنىڭ ئېيتىشىچە، ياڭ ئۇستامنىڭ ئىدارىسىدىكىلەر تۇرپانغا ئىش بېجىرگىلى بېرىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىدىن بۇ پىكاپنى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، ياڭ ئۇستام تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە قايتىۋاتقاندا پىكاپنىڭ موتور قىسمىدىن ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، تەكشۈرمەكچى بولۇپ توختاپ قاپقاقنى ئاچقاندا، قاپقاق ئىچىگە ئاللىقاچان ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىغان ۋە دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى چىقىرىپ ئوتنى ئۆچۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ ئوتنى كونترول قىلالمىغان. ئەھۋالنى كۆرگەن باشقا يولۇچىلار توختاپ ياردەمگە كەلگەن، تۆت دانە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىمۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمىگەندىن كېيىن ئۇلار «119»غا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىغان.
شۇ كۈنى سائەت 16:37دە داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ بىر ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا كېلىپ، بەش مىنۇتقا قالمايلا ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان، بىراق، پىكاپنىڭ تۆمۈرلىرىلا قالغان. ئارقىدىن داۋانچىڭ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ يولنى ئېچىشى بىلەن بۇ يولدا قاتناش ئەسلىگە كەلگەن.
نۆۋەتتە، ھادىسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved