ساياھەت قىلىش، ئەسلىدىنلا شەخسىي ئىش، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىش تېگىشلىك. لېكىن بەزىلەر: ھايتلا دېسەم ئاتچوت قىلىدۇ، دەپ گەپ تارقاتقان. ھەم ئويناپ ھەم پۇلنى تېجەپ قېلىپ «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققانىدى». لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئاممىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. 2015-يىل 6-ئايدا، خېنەن ئۆلكىسى كەيفېڭ شەھىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن كەيفېڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گېڭ گۇاڭلىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار كارخانىلاردىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ساياھەتكە كەتكەن چىقىمىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2013-يىل 7-ئاينىڭ بېشىدا، گېڭ گۇاڭلى كەيفېڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قىلغان مەزگىلدە، شوپۇر ئارقىلىق مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان شىركەتنىڭ تۈر دىرېكتورىغا گەپ ئەۋەتىپ: شىركەتكە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە ئالاقىدار ئالتە خادىمنى شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق يەرلەرگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېيتقان. كېيىن، مەزكۇر شىركەتنىڭ تۈر دىرېكتورى ليۇ XXX گېڭ گۇاڭلىغا يۈزمىڭ يۈەن نەق پۇل بەرگەن. بۇ قېتىمقى شياڭگاڭ-ئاۋمېن قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىشقا 60 مىڭ يۈەن چىقىم قىلغان، ئېشىپ قالغان پۇلنى گېڭ گۇاڭلى ليۇ XXX كە قايتۇرۇپ بەرگەن.
گېڭ گۇاڭلى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار كارخانىلارغا ئەسلىدە ئۆزى تۆلەيدىغان ساياھەت خىراجىتى تۆلەتكۈزگەن، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماستىن، يەنە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئومۇمنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلغان. كەيفېڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، بۇ ئىشنى تېز تەكشۈرۈپ تېز ئاياغلاشتۇرۇپ، دەرھال گېڭ گۇاڭلىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. 2015-يىل 12-ئايدا، گېڭ گۇاڭلى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنغان. ئىلگىرىكى «ئىمتىيازلار» يوق بولغان، بەزىلەر يەنە دائىم «ناتوغرا» ئىشلاردىن قول ئۈزمىگەن، كونا ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمەي قولىدىن كېلىدىغانلىكى ئاماللار بىلەن پارا قوبۇل قىلغان ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىدىن ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا بارلىق كۈچىمىز بىلەن «ئومۇمىي ھوقۇق بىلەن ساياھەت قىلغان»، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام ۋە قائىدىسىنى كۆزگە ئىلمىغان كىشىلەرنى چوقۇم جازالاپ ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز لازىم. (خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى پىسكاتاۋاي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
|
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved