1000 دىن ئارتۇق ئاۋسترالىيە قويى ئايروپىلان ئارقىلىق شىنجاڭغا توشۇلدى

شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .2015-يىل 12-يانۋار سائەت 18:06 ئۆتكەندە ئاۋسترالىيەنىڭ 1438 دورپېر قويى ئايروپىلان ئارقىلىق 20 نەچچە سائەتتە ئۈرۈمچىگە توشۇپ كېلىندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەر بىر قوينىڭ ئايروپىلان ‹‹بېلەت باھاسى›› 2000 يۈەندىن ئېشىپ ، قوي سېتىۋېلىش ۋە ئايرىپ بېقىش ھەققى قوشۇلۇپ، ھەر بىر قوينىڭ تەننەرخى 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ قويلارنى شىنجاڭدىكى بىر دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا شىركىتى كىرگۈزگەن بولۇپ، شىركەت مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دورپېر قويىنى نەسىللىك قوي سۈپىتىدە شىنجاڭدىكى يەرلىك قويلار بىلەن چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يەرلىك قويلىرىنىڭ گۆش مەھسۇلاتى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.

نۆۋەتتە بۇ شىركەت چۆچەك شەھىرى ئىككىسۇ چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئۆلچەملىك باقمىچىلىق قوتىنى سالدۇرغان، بۇ دورپېر قويلىرى ئوتۇنكوزىدا 45 كۈن ئايرىپ بېقىلغاندىن كېيىن، ئىككىسۇ چارۋىچىلىق مەيدانىغا يۆتكىلىدىكەن.

دورپېر قويى ئىنتايىن تېز چوڭىيىدىغان بولۇپ، گۆش سۈپىتى ياخشى، ياغ مىقدارى ئاز ئىكەن. دورپېر قويىدىن ئادەتتە 30 كىلوگىرام ئەتراپىدا گۆش چىقىدىكەن، يەرلىك قويلاردىن بولسا 18 كىلوگىرام ئەتراپىدا گۆش چىقىدىكەن. شىنجاڭدىكى يەرلىك قويلار يىلدا بىر قوزىلايدىكەن، دورپېر قويى بولسا ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم قوزىلايدىكەن.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى يەرلىك قويلارنىڭ 20 نەچچە سورتى بولۇپ، داڭلىقراق بولغىنى ئالتاي قويى، تارباغاتاي باشباي قويى، دولان قويى، بايىنبۇلاق قويى، تۇرپان قارا قويى، ئىلى قويى، چىرا قارا قويى، خوتەن قويىدىن ئىبارەت.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
15-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    رۇسىيە مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ بازىرى ئانالىزى ھەمدە مۆلچەر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە رۇسىيەنىڭ مېنرال سۇ ۋە ئىچىملىك سۇ سېتىش مىقدارى %36.2 ئاشقان، 5 مىليارد 210 مىليون لېتىردىن 7 مىل...
02-05-2016
شىنجاڭ توقسۇ ناھىيەسى تۇنجى نۆۋەتلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك -سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ نېنى» كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىكەن، بۇ نانغا تەخمىنەن 40 كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سەرپ قىلىنغا...
02-05-2016
     جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-ماي تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا چىكاكودىكى بىر ئايال ستارباكس (Starbucks) تىن ئىچىملىك سېتىۋالغاندا، ئىچىملىككە قوشۇلغان مۇز پارچىسى بەك...
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
Powered by Leglek