ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىدىكى مېترو 3-، 4-لىنىيەسىدىكى 1-قارارلىق قۇرۇلۇش يول لىنىيەسىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بېكەتلەر ئېلان قىلىندى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى ۋە جۇڭگو تۆمۈر يول 1-تەكشۈرۈش لايىھەلەش مەھكىمىسى گۇروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تورىدا «ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر يول قاتنىشىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى قۇرۇلۇش پىلانى (2012-2019-يىلى)نىڭ ئىككىنچى قارارلىق مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىش بويىچە باھالاش نەتىجىسى» 2-قېتىم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، مېترو 3-، 4-لىنىيەسى 1-قارارلىق يول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 41.8 كىلومېتىر بولغان، جەمئىي 35 بېكەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇنىڭ ئىچىدە، 3-لىنىيە قۇرۇلۇشى تۆشۈكتامدىن سەنگۇڭ شىمالىي بېكىتىگىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.10 كىلومېتىر، جەمئىي 19 بېكەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالمىشىشقا بولىدىغان بېكەت 6 بېكەت، يەنى خۇمدانلىق، تاشقى سودا شىركىتى، سەككىز قەۋەت، گاز قاچىلاش زاۋۇتى، ئاشلىق مەكتىپى، سەنگۇڭ شىمالىي بېكەتلىرىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2-، 7-، 1-، 4-، 5-، 6-لىنىيەگە ئالمىشىشقا بولىدۇ، پۈتۈن لىنىيەدىكى بېكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 1.2 كىلومېتىر، ئەڭ ئۇزۇن بېكەت ئارىلىقى 2 كىلومېتىر بولۇپ، تۆشۈكتامدىن 12-ئوتتۇرىغىچە بولغان بېكەت ئارىلىقىدىن ئىبارەت. ئەڭ قىسقا بېكەت ئارىلىقى 0.75 كىلومېتىر بولۇپ، خۇمدانلىق بېكىتىدىن پوچتا ئىدارىسىغىچە بولغان بېكەت ئارىلىقىدىن ئىبارەت. ئۈرۈمچى 3-لىنىيەسىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي يەر ئاستىدا، بىر ئوچاستىكا ۋە بىر مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم بەييۈەن يولى ماشىنا ئوچاستىكىسى ۋە تۆشۈكتام ماشىنا توختىتىش مەيداندىن ئىبارەت.
4-لىنىيەنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى جىنخۇ يولىدىن مىسكارلىق (چىداۋەن)غىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 19.7 كىلومېتىر، پۈتۈنلەي يەر ئاستىدا، جەمئىي 16 بېكەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالمىشىشقا بولىدىغان بېكەت 4 بېكەت، يەنى ئۈرۈمچى بېكىتى، تۆمۈر يول ئىدارىسى بېكىتى، گاز قاچىلاش زاۋۇتى، ئوتياشتام (باجىياخۇ) بېكەتلىرىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2-، 1-، 3-، 7-لىنىيەگە ئالمىشىشقا بولىدۇ. پۈتۈن لىنىيەدىكى بېكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 1.2 كىلومېتىر، ئەڭ ئۇزۇن بېكەت ئارىلىقى 1.96 كىلومېتىر، ئەڭ قىسقا بېكەت ئارىلىقى 806 مېتىر. 1-قارارلىق قۇرۇلۇشتا ئىككى ماشىنا ئوچاستىكىسى (جىيۇخۇا تېغى شەرقىي كوچىسىنىڭ جەنۇبى، جىنخۇ يولىنىڭ غەربىدىكى ئورۇنغا جايلاشقان)، بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانى (مىسكارلىق ماشىنا توختىتىش مەيدانى) تەسىس قىلىنغان. ئىككى ئورۇنغا ئاساسىي توك بېسىمى ئۆزگەرتىش پونكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بېكىتى (2-لىنىيە بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان)ئەتراپى ۋە گاز قاچىلاش زاۋۇتى بېكىتى (3-لىنىيە بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان) ئەتراپىغا جايلاشقان.
ئىگىلىنىشچە، 2012-يىلى 11-ئايدا، «ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر يول قاتنىشىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك پىلانى (2012-2016)» دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەسمىي تەستىقىغا ئېرىشكەن، بۇ يول قاتناش 1-لىنىيەسى ۋە 2-لىنىيەسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىكەن، 1-لىنىيەدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىش، 2-لىنىيەنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش شەرتىنىڭ ھازىرلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە پىلانلاش تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەتقىقات خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، جۇڭگو تۆمۈر يول 1-تەكشۈرۈش پىلانلاش مەھكىمىسى گۇروھى چەكلىك شىركىتىگە ھاۋالە قىلغان «ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر يول قاتنىشىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك 2-قارارلىق قۇرۇلۇش پىلانى (2012-2019) » تاماملانغان، پىلان 3-لىنىيەنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ۋە 4-لىنىيەنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 41.8 كىلومېتىر بولغان، پىلاننىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول قاتناش پىلانىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 89.7 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.
ئەگەردە سىزنىڭ 3-، 4-لىنىيەگە قارىتا قانداق پىكىر ياكى تەكلىپىڭىز بولسا، 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن تېلېفون ئۇرۇش، فاكس يولاش، ئېلېكترونلۇق يوللانما، يازمىچە خەت قاتارلىق شەكىللەردە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ۋە مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىش بويىچە باھالاش ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved