ياپونىيە سىياسەتۋازلىرى ‹‹تارىخنى تونۇش مەسىلىسى››دە قاراملىق قىلىۋاتىدۇ

بۇ يىل 17 – ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ھەققانىيەت ۋە ئادالەتكە مۇخالىپ پاسسىپ قىلمىش يەنە يۈز بەردى. پارتىيە – گۇرۇھ ھالقىغان 100 پارلامېنت ئەزاسى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى، ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان باش ۋەزىر ئابېي شىنزو ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا سەجدە بۇيۇمى ئەۋەتتى.


ياسوكونى ئىبادەتخانىسى 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى 1 – دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تاۋاپ قىلىدىغان جاي بولۇپ، ياپونىيە مىلىتارىزمنىڭ سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئۇرۇشى قوزغاشتىكى مەنىۋى قورالى ۋە سىمۋولى. ياسوكونى ئىبادەتخانىسىغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش مەسىلىسى ياپونىيە سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ بۇرۇنقى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا بولغان تونۇشىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇنداق چوڭ ھەق – ناھەققە چېتىشلىق مەسىلىدە، ھىيلىگەرلىككە تايىنىپلا ئاق – قارىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، خاتا قىلمىشنى جاھىللىق بىلەن كۆپ قېتىم تەكرارلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ خاتا خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.


بۇ يىل 17 – ئۆكتەبىر، خەلقئارادىكى ھەر قايسى نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ باش خەۋىرىدە، ياپونىيە سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ ئەرۋاھلارنى تاۋاپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا بولغان تونۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەسىلە خەۋەر قىلىندى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى: ياسوكونى ئىبادەتخانىسىدىكى تاۋاپ قىلىنىدىغان 2 – دۇنيا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئىچىدە پيۇرل خاربول پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا ھوقۇق بەرگەن توجۇ ھىدېكىمۇ بار، دېدى. رېيتىر ئاگېنتلىقى ياسوكونى ئىبادەتخانىسى مەسىلىسى بىلەن ئابېينىڭ ياپونىيە ئۇرۇش تارىخىنى قايتىدىن يازماقچى بولغانلىقىدەك مۇتەئەسسىپ قارالمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى شەرھلەپ بەردى.


ئۇزاقتىن بۇيان، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يېڭىلگەن دۆلەت سالاھىيىتىدىن قۇتۇلۇشقا ئالدىرىغان ياپونىيەنىڭ ئوڭ قانات سىياسەتۋازلىرى ھېچنېمىگە قارىماي، تارىخقا بولغان خاتا پوزىتسىيەسىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرىگىمۇ، ياپونىيەگىمۇ داغ تەگكۈزدى. ئۇلار ئۆزلىرى قۇرغان ‹‹تارىخنى تونۇش توزىقى›› دىن چىقالماي، ئۆز ئورنىدا ھەر تەرەپكە ئۈسۈپ يۈرۈيدۇ، ئۇلار بۇ قاراملىقى بىلەن ھەرگىزمۇ تاشقى دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەتلا ئۆز بېشىنى يېرىۋالىدۇ.


چىقىش يولى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئىلگىرىكى تاجاۋۇزچىلىق ئەمەلىيىتىگە توغرا قاراپ ۋە خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، مىلىتارىزم بىلەن چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىشتۇر. ئەمما، ئۇلار ھوشىنى تاپماي، ھەققانىيەتنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېسىمىنى بارغانسېرى ئېغىرلىتىپ، ئۆزىنى يېتىم قالدۇرۇش توزىقى ئىچىگە بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتىدۇ. دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن ياپونىيەلىك بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى. 17 – ئۆكتەبىر ياپونىيە توكيو يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا، نەچچە يۈز ئامما لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگىنىچە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئابېينىڭ بۇلتۇر 12 – ئايدا ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغان قىلمىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلدى.


2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا 70 يىلچە بولۇپ قالدى، ۋاقىتنىڭ قانچىلىك ئۇزىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاسىيادىكى دۆلەتلەر، ھەتتا پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت شۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە مىلىتارىزمى ئۆتكۈزگەن چېكىدىن ئاشقان جىنايەتنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. ۋىجدانلىق كىشىلەر ھەققانىيەت ۋە ئادالەتتە ئاداققىچە چىڭ تۇرىدۇ. مۇتتەھەملىك قىلىۋاتقان ئاشۇ ياپونىيە سىياسەتۋازلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خام – خىياللىرىغا داۋاملىق غەرق بولۇپ يۈرۈۋېرەمدۇ؟ خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنىڭ ھەققانىيەتتىن ھالقىغان بۇ قىلمىشلىرىغا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايدۇ! ياپونىيە پەقەت تارىخىي مەسىلىلەرنى مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ياپونىيەدىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ تارىخىي مەسىلىلەر ئۈستىدە بىلدۈرگەن ئىلگىرىكى توغرا پوزىتسىيە ۋە ۋەدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان خەلقئارا ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
27-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
04-05-2016
     رۇسىيە گېزىت خەۋەرلىرى تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىسىترى سېرگى لاۋروف مۇنداق دېگەن: رۇسىيە تۈركىيەنىڭ سۇرىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ...
04-05-2016
كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھيې 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىران پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ ئىران-كورىيە ئىككى دۆلەت 1962-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان كورىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىراند...
04-05-2016
    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل 2015-يىل ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شېنزوغا ياپونىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش...
03-05-2016
    5-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، لەنجۇ-خەيكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ گۇاڭشى بېيخەيدىكى بۆلىكىدە، لىققىدە ئاناناس بېسىلغان يۈك ماشىنىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە ماشىنىدىكى ئاناناسلار يۇقىرى سۈ...
Powered by Leglek