ISIS رامادى مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

يەر شارى خەۋەر تورى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ISIS تەشكىلاتى، ئىراقنىڭ ئەنبار ئۆلكىسىنڭ مەركىزى رامادىنى قورشاۋغا ئېلىپ، رايۇننىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى، مەركىزى ھۆكۈمەت بىناسى ئەتراپىدىكى بىر قانچە رايۇن ۋە بىنانى كونترول قىلىۋالدى.
ئەنبار ۋىلايىتى تېرورغا قارشى كۈرەش ئەترىتى باش قۇماندان ياردەمچىسى ئابدۇلئەمىر ھازراجى، ISIS نىڭ شەھەر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئارمىيە ۋە ئارمىيەگە ياردەم بەرگەن شىئە قۇراللىقلىرى «ئەل ھاشىد ئەل شابى» گۇرۇپپىسى بىلەن قاتتىق تۇقۇنۇشقانلىقىنى ئېيتتى. بىخەتەرلىك خادىملىرى ئەلجەزىرە مۇخبرىغا سۆز قىلىپ، رايۇندىكى تۇقۇنۇشلاردا 9 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازراجى، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئىتتىپاق قىسىملىرىنىڭ رامادىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە نوقتىلاردا ISIS نىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىراق ئارمىيسىنىڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشمە ئىتتىپاق ئايرۇپىلانلىرى تەرىپىدىن رامادىنىڭ ئەبۇ غانىم، ئەبۇ سۇدە، ئەبۇ ماھال ۋە ئەبۇ فەرراج رايۇنلىرىدا ISIS قۇراللىقلىرى يۇشۇرۇنغان ئورۇنلارغا ھاۋادىن قاتتىق زەربە بېرىلگەن. ۋە بۇ ھۇجۇملاردا 43 نەپەر ISIS قۇراللىقى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئەلجەزىرە مۇخبىرى ناسىر شەدىد، ISIS تەشىلاتنىڭ رامادى مەركىزى ئەتراپىنى قورشاپ بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ISIS تەشكىلاتى بىرلەشمە ئىتتىپاقنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رايۇندىكى كېڭىيىشى توختىغان ئىدى.
ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى، 2015-يىلى 15-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى ئەنباردىكى ھاببانىيە ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىپ، تىكرىتنىڭ ISIS نىڭ قولىدىن قايتۇرۇلغىنىدىن كېيىنكى ئىككىنجى نىشاننىڭ ئەنبار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ISIS تەشكىلاتى 2014-يىلى 10-ئىيۇندىن باشلاپ ئىراقنىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنى كونترول قىلىۋالغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراقتىكى بىر قانچە مۇھىم رايۇنلارنى ئىگىلىۋېلىپ كېڭىيشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ISIS سۇرىيەدە كەڭرى زېمىنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن «خەلىپىلىك» ئېلان قىلىپ «ئىسلام دۆلىتى» قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ «ئىسلام دۆلىتى» گە «ھىجرەت» قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 60 دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ئىتتىپاق  سىنتەبىردىن باشلاپ سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى ISIS  نوقتىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى  باياناتچىسى سىتېۋ ۋارىن، ئاۋغۇست ئ‍ېيىدىن بۇيان بىرلەشمە ئىتتىپاق قىسىملىرىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدە ISIS كە تەۋە 3 مىڭ 222 نوقتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئ‍اشكارىلىدى، بۇ نىشانلار ئارىسىدا 58 تانكا، 184 ھەربىي ماشىنا، 637 ھەربىي ئورۇن ۋە 980 بازا ياكى بىنا بار.



19-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek