شىچۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ياپونىيىلىك ئايال مىساۋ ئوخكاۋا 5-مارت 117ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى .4-مارت يەنى تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ھارپىسى مىساۋ ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئوساكا شەھىرىنىڭ شەرقىي رايونىدا تۇغۇلغان كۈنىنى ئالدىن تەبرىكلىدى .مىساۋ تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىدى .ئوساكا شەھىرى شەرقىي رايونىنىڭ باشلىقى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلىدى .ئۇ گەرچە پەس ئاۋازدا جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى .
ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرۈنگىنى ئۇنىڭ 92 ياشلىق ئوغلى ھەم ئۇنىڭدىن بىر ئەسىردىن كۆپ كىچىك ئىككى ياشلىق ئەۋرىسى ئىدى . مىساۋدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى سورالغاندا ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئىگىلىنىشىچە ئۇ ئۇزۇن يىل يېمەكلىك ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلغاچقا ئىزچىل ساغلام تۇرغان .مىساۋ 1898-يىلى ئوساكا شەھىرىدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى 4 نەۋرىسى ئالتە ئەۋرىسى بولغان . مىساۋ 2013-يىلى 114 يېشىدا دۇنيا جىنىس رېكورتى يارىتىپ ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال دەپ بېكىتىلگەن .كېيىن يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم بولغان .ئىستاستىكا قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ياپونىيە نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە يۈز ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن .ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلى سېنتەبىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئىپادىلىنىشچە ياپونىيىدىكى يۈز ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى 58 مىڭدىن ئاشقان بۇلۇپ ئالدىنقى بىر يىلغا قارىغاندا 4400 كىشى كۆپەيگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved