بۇ تەخمىنەن 10 كۈنلەرنىڭ ئالدىدا بولغان ئىش. بىلگەيتىس مىكروسوفتنىڭ يېڭى «تېخنىكا مەسلىھەتچىسى» سۈپىتىدە ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، ئىشقا چۈشكەن 1-كۈنىلا جاپادا قالدى. مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان بۇياق سىستېمىسىنى Windows 8.1 گە كۆتۈرۈش ئۈچۈن خېلى ھەپىلەشكەن بولسىمۇ بىراق ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىدى.
گەيتىس قاچىلاشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا مىققا ئۈسۈۋالدى، خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، گەيتىس قاچىلاش جەريانىدا توختىماي سەكرەپ چىقىدىغان بىر خاتالىق رامكىسىغا يولۇققان ھەمدە كومپيۇتېرنى قوزغىتىشنى تەلەپ قىلغان.
پۈتۈن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى سەرپ قىلىپمۇ مەسىلە ھەل بولمىغاندىن كېيىن، گەيتىس مىكروسوفتنىڭ يېڭى CEO سى Satya Nadella نى ياردەملىشىشكە چاقىرغان. ئەمما ئاخىرىدا ھەر ئىككىيلەن ئوخشاشلا مەغلۇب بولغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئىككىيلەن ئالدىراش چاغدا ئىچكى ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى ئىكەن. بىر مىكروسوفت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، بىلگەيتىس ئادەتتە ئىنتايىن سوغۇققان ھەم تەمكىن ئادەم ئىكەن، ئۇنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە ئاغزىدىن چىققان گەپلەر شۇ كۈنى شىركەتتىكى ھەممەيلەننى تەرلىتىۋېتىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئامال بولماي، يەنىلا Windows 7 نى داۋاملىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved