خەلقئارا نېفىت باھاسى داۋاملىق چۈشمەكتە. 11- دېكابر نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا خەلقئارا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ، يېڭى تۆۋەن نۇقتا بارلىققا كېلىپ، 36 دوللارلىق ئۆتكەلمۇ بۇزۇپ تاشلاندى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىدە خەلقئارا خام نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىشى، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى تۆۋەنلەتمەسلىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن 11- دېكابر نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا خام نېفىت باھاسى ئۇدا ئالتە سودا كۈنى چۈشۈشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ ھەم بۇ يىل 3- ئايدىن بۇيان نيويورك تاۋار بېرژىسىدا خەلقئارا خام نېفىت باھاسىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇدا چۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شۇ كۈنى بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا كېلەر يىلى 1- ئايدا مال تاپشۇرۇلىدىغان يىنىك خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %3.1 چۈشۈپ كېتىپ، ھەر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 35.62 دوللارغا چۈشۈپ قالدى. مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە نيۇيوركتا خام نېفىت باھاسى %10 تىن ئارتۇق چۈشۈپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نېفىت باھاسى ئەڭ كۆپ چۈشكەن بىر ھەپتە بولۇپ قالدى.
شۇ كۈنى لوندون تاۋار بېرژىسىدا كېلەر يىلى 1- ئايدا مال تاپشۇرۇلىدىغان برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسىمۇ %5.2 چۈشۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 37.76 دوللارغا چۈشۈپ قالدى، بۇ 2008- يىلى 12- ئايدىن بۇيان لوندون بېرىت خام نېفىت قەرەللىك مېلى باھاسىنىڭ تۇنجى قېتىم 38 دوللاردىن چۈشۈپ كېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved