يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلىماقتا

يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 7 – ئىيۇندىن 8 – ئىيۇنغىچە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى.
خەلقئارانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋالدا، تەرەققىي قىلىپ سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دۇنيانى قانداق ئىدارە قىلىش ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.
20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى دوللار كىرىزىسى بىلەن نېفىت كىرىزىسى ئىقتىسادنى كاساتلاشتۇرۇۋەتتى. دۇنيا ئىقتىسادى ۋە پۇل كىرىزىسىنى ئورتاق ھەل قىلىش، ئىقتىسادقا ئائىت سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، غەربنىڭ ئىقتىسادىنى يېڭىباشتىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇلدى ھەم دۇنيا ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىگىلىدى. 40 يىل ئۆتۈپ كەتتى، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى سەككىز دۆلەت گۇرۇھى ئەندىزىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يەنە ئىلگىرىكى ‹‹يەتتە دۆلەت›› ئەندىزىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، دۇنيا ئىلگىرىكى دۇنيا بولماي قالدى.
2008 – يىلى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاپ، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادنى چېكىنىش گىرداۋىدىن قايتۇرۇپ كېلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى، كىرىزىس كۆلەڭگۈسىدىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغان تەرەققىي قىلىپ سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى زەربىگە ئۇچرىدى.
2009 – يىلى پىتسىبۇرگ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا يىغىننى مېخانىزملاشتۇرۇش رەسمىي جاكارلىنىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى كېڭىشىش سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇلتۇر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رۇسىيەنى سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدىن سىقىپ چىقاردى ھەم رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزۈپ، رۇسىيە ئىقتىسادىنى كاساتلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھىمۇ زور ۋەكىللىك خاراكتېرىنى يوقاتتى.
بۇ يىلقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارالمىسىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىن دۇنياۋى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتىگىچە؛ پارىژ كىلىمات يىغىنىدىن ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشقىچە؛ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىن ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكىچە... بولغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
گېرمانىيە بونن ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇ شۆۋۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىقتىساد توغرىسىدىكى قارالما يەتتە دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاساسلىق قارالما ئىدى، ھازىر يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تەسىر دائىرىسىنى سىياسىي ساھەگە كېڭەيتىۋاتىدۇ. لېكىن، ھازىرقى ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇنىڭ ئۆز ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانى قالماسلىقى مۇمكىن.
بۇنداق ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا ئىتتىپاقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ‹‹كۇلۇب›› سىرتىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، دۇنياۋى سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتلەردە مەيدانىنىڭ ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدىغانلىقى گەۋدىلىنىپ قالدى، مەسىلەن:
ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە: گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەگە خىزمەت ئىشلەپ، مىنسكى كېلىشىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولدى؛ ئامېرىكا رۇسىيەگە يەنىمۇ بېسىم ئىشلەتتى، ھەتتا چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆردى.
ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى مەسىلىسىدە: ياپونىيە نەنخەي دېڭىزىغا ‹‹ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقى››نى ئىپادىلىدى. ئەمەلىيەتچىل بولغان ياۋروپالىقلار بولسا، ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلدى.
ئىقتىسادىي مەسىلىدە: بۇ يىل 3 – ئايدا ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا مەزكۇر بانكىنى قۇرۇش نىيىتى بار ئەزا دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، گېرمانىيە، فىرانسىيەمۇ ئەنگلىيەگە ئەگەشتى، ئامېرىكا بولسا جىم تۇرۇۋالدى.
ھازىر يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ‹‹ئىشەنچ كىرىزىسى›› مەۋجۇت. ‹‹ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسى›› تىنچىماي تۇرۇپلا، يەنە چاتاق چىقتى، جۈملىدىن 2013 – يىلى 6 – ئايدا ئامېرىكا ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسى ئاشكارىلاندى؛ بۇ يىل 4 – ئايدىن 5 – ئايغىچە گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان ماتېرىيالدا، گېرمانىيە ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇزاق يىل ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتىكى ‹‹شېرىكى›› بولغان، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئوبيېكتى ھەتتا فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەپ كۆرسىتىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ‹‹ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى›› سۆھبىتى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ زور ئىقتىسادىي مەنپەئىتى ۋە كەلگۈسىدىكى خەلقئارا ئىقتىسادىي تۈزۈمگە يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەسىلىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجازەت ئۆلچىمى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئويى ئوخشاش بولمىغاچقا، سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بەك ئاستا بولۇۋاتىدۇ، بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشىگە خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغاندەك قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
15-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek