ئەسەبىي تەشكىلاتى بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى 13-سېنتەبىر ئىنتېر تورىدا ئېلان قىلغان قىلغان بىر ۋىدىيودىن ئايان بولۇشىچە، بۇ تەشكىلات بۇلتۇر سۇرىيەدە تۇتۇۋالغان ئەنگلىيەلىك تۇتقۇن ھاينىسنىڭ كاللىسىنى ئالغان، بۇ تەشكىلات بىز بۇ ئىشنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەشكىلاتىمىزغا زەربە بېرىشىگە ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلدۇق دېدى.
ھاينىس بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇلتۇر فىرانسىيەنىڭ بىر ياردەم ئورگىنىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغان. گەرچە نۆۋەتتە بۇ ۋىدىيونىڭ راست-يالغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن سۈرەتكە ئېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئالدىنقى ئىككى قېتىم ئىنتېر تورىدا ئېلان قىلغان ئامېرىكىلىقنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا بۇ ئىشقا تېزدىن ئىنكاس قايتۇردى. كامېرون بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن كۈچ بىلەن تېرىشىپ قاتىللارنى قولغا ئېلىپ سوتلايدۇ دېدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامامۇ 13-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەنگلىيەلىك تۇتقۇننى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيە ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن كەڭ دائىرىلىك ئىتتىپاق بىلەن ھەمكارلىشىپ، قاتىللارنى قانۇن تورىغا چۈشۈرۈشى ھەم بۇ تەشكىلاتنى ئاجىزلىتىش ۋە يوقىتىشىغا ۋەدە بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved