بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن جەنۋەدە يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان رامىزاندا ۋاقتىنچە ئۇرۇش توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنى سىياسىي تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش يولىغا تېزدىن قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلدى. بان كىمون شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جەنۋەدە يەمەن توقۇنۇشى كېڭىشىشىگە قاتناشقان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئىجابىي سۆھبەتلەشتى. بان كىمون سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، يەمەن توقۇنۇشىدا 2600 دەك كىشى قازا قىلدى، بۇنىڭ يېرىمى ئادەتتىكى پۇقرالار. ئۇرۇش يەمەندىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ۋەيران قىلدى، يەمەن ھايات-ماماتلىق ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved