ئىراق زۇڭلىسى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى رەت قىلدى

        ئامېرىكا ئىراققا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئىراقنىڭ زۇڭلىسى رەت قىلدى


«ئوربىتا تورى خەۋىرى» فىرانسىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 2-دېكابىر فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا ئىراققا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بىراق ئىراقنىڭ زۇڭلىسى ئابادى، ئىراق چەتئەلنىڭ يەر يۈزى قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، دېگەن.

ئابادىنىڭ 1- دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا دېيىلىشىچە، چەتئەلنىڭ يەر يۈزى ئۇرۇش قىلىش قىسمىنى ئىراققا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. باياناتتا يەنە، ئىراق ھۆكۈمىتى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئىراقتا ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەت قوللانماقچى بولغانلار ياكى ئىراققا ھەربىي قىسىم ئەۋەتمەكچى بولغانلار، ئالاھىدە قىسىم بولۇش ياكى بولماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، چوقۇم ئىراقنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ۋە ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك، دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى كات 1-دېكابىر، ئامېرىكىنىڭ «نىشان بەلگىسى يىراققا سەپەر قىلغۇچى ئالاھىدە قىسىمى»نى ئىراققا ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى قىسىم بىلەن ھەمكارلىشىپ «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئالاھىدە قىسىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش، ئاخبارات توپلاش ۋە «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئاتامانلىرىنى قولغا ئېلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشى مۇمكىنكەن. ئامېرىكا ئىراققا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى مۆلچەرلەنگەن.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي 2- دېكابىر، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا تامامەن قۇلاق سالىدۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى يېقىندىن ماسلىشىپ بۇ ئالاھىدە قىسىمىنىڭ قانداق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دېگەن.



خەتكۈچلەر:
03-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
12-05-2016
       5-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پيۇڭياڭدا يېپىلغان بولۇپ، يىغىندا كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومېتىت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2-كۈنىدىن باشلاپ...
12-05-2016
     تۈركىيە ياۋرپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مىنىستىرى بوزكىر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكۇلتىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن...
12-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ پارتىيە ئىچىدە نامزاتلىققا ئېرىشىپ ھەمد...
12-05-2016
   5-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازا سىرتقى مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ نىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.    ...
12-05-2016
     دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باياناتچىسى ۋىئوسەيېر 9-ماي: ئاز دېگەندىمۇ 110 دۆلەتنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇشۇ ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغا...
12-05-2016
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇككېتوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى نامزاتقا ئادىل بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 7-ئىيۇن كېلەر ...
Powered by Leglek