بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.شىۋىتسارىيە بانكىسى ئەمىلىيەتتە شىۋىتسارىيە تەۋەسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن بانكىلارنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى.شىۋىتسارىيە بانكىسى دۇنياغا داڭلىق بانكا بولۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت شەرتىنى ھازىرلىغان.
بىرىنچى، شىۋىتسارىيە مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شىۋىتسارىيىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىلىرى ھەر قانداق ئۇرۇشنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئىككىنچى، كۆپ قىسىم شىۋىتسارىيە بانكىلىرى بانكا خېرىدارلىرىدىن ھەقىقى كىملىك گۇۋاھنامىسى تەلەپ قىلمىغاچقا، خېرىدارلارنىڭ بايلىقىنى يوشۇرۇشىغا ئەپلىك.
ئۈچىنچى، ئۇزۇن يىللىق بانكا باشقۇرۇش تەجرىبىسى مۇكەممەل بولغان بانكا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
تۆتىنچى، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار بولغان بىخەتەرلىك سىستېمىسى مۇتلەق مەخپىيەتلەكنى قوغدايدۇ.
شىۋىتسارىيىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، شىۋىتسارىيىدە 6مىڭدىن ئارتۇق بانكا بار. بانكا ئومومىي مەبلىغى 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىردىن ئاشىدۇ. دۆلەت باج كىرىمىنىڭ %20تى بانكىدىن كېلىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شىۋىتسارىيىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى دۇنيادا 1- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىمپىرىيىسى دىگەن نامىمۇ بار.
شىۋىتسارىيىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىسى شىۋىتسارىيە مەركىزى بانكىسى.
شىۋىتسارىيە فىرانكى دۇنيادىكى قىممىتى بىر قەدەر تۇراقلىق، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يوقىرى بولغان پۇللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شىۋىتسارىيە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پۈتۈن يەر شارىدىكى شەخسىلەر بايلىقىنىڭ %75 شىۋىتسارىيىگە يىغىلغان، شۇنداقلا دۇنيا ئالتۇن سودىسى مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كېرەكلىك بولغان ئالتۇننىڭ%30 نى شىۋىتسارىيە بازىرى تەمىنلەيدۇ. دۇنيا ئالتۇن سودىسىنىڭ %50تىدىن كۆپرەكى شىۋىتسارىيە بانكىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.
شىۋىتسارىيە دۇنيادىكى مۇھىم تاشقى پىرىۋوت مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇھىم بولغان خەلقئارا كاپىتال ئالمىشىش بېكىتى. كۈندىلىك تاشقى پىرىۋوت قىممىتى 124 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. مۇقىم بولغان سىياسىي ۋەزىيىتى، بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئوبوروت ئۆسۈم نىسبىتى، مۇكەممەل بولغان پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ۋە دۇنياغا داڭلىق بولغان بانكا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى خەلقئارا پۇل ئوبوروتىغا قارىتا غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، شىۋىتسارىيىنى ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىن قالسىلا 4- ئورۇندا تۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندۇردى.
شىۋىتسارىيە بانكىسىنىڭ بانكا مەخپىيەتلىك قانۇنى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر شىۋىتسارىيە بانكىسىدىن شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بانكا ھىساباتىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، شىۋىتسارىيە تەرەپنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭ بەدىلىگە شىۋىتسارىيە ئاشۇ دۆلەتلەردە مەبلەغ سېلىشقا روخسەت قىلىنمىغان. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، شىۋىتسارىيە بانكىسىنىڭ بۈگۈنكى يۈكسەك ئىناۋىتى، ئىلگىرى تارتقان زىيانلىرىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved