شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ 18-دېكابىر ئاياغلاشقان 8-نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگودىكى ئون ياخشى ھاللىق كەنت ›› نى باھالاش پائالىيىتىدىن ئىگىلىشىچە ، بايىنغولىن ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيە شىڭپىڭ يېزا داشى كەنتى ‹‹ جۇڭگودىكى ئون ياخشى ھاللىق كەنت ›› تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر بۇ تىزىملىككە كىرگەن مەمۇرىي كەنت بولۇپ قالغان .
داشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇت مەڭلىك 18-دېكابىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : داشى كەنتى شىپىڭ يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەنتى ، تەۋەلىكىدە ئالتە گۇرۇپپا بار . كەنتىمىزدە ھازىر 540 ئائىلىلىك بار ، 110 دىن ئارتۇق ئائىلە بىنا ئۆي ۋە داچىلاردا ئولتۇرىدۇ ، 470 ئائىلىدە پىكاپ بار بولۇپ ، ئەڭ قىممىتى بىر مىليون يۈەندىن ، ئەڭ ئەرزىنىمۇ 70، 80 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ . 2013-يىلى كەنتىمىزنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكى 29 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي ساپ كىرىمى 3 مىليون 160 مىڭ يۈەنگە ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ يۈەنگە يەتتى .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved