5-نۆۋەتلىك قورغاس ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 13-ئىيۇن باشلانغاندىن بۇيان ھەر جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. ساياھەتچىلەر گۈزەل ئۈستىقۇددۇسنىڭ خۇشبۇي ھىدىدىن مەستخۇش بولۇپ، بۇ گۈزەل ‹‹بىنەپشە دېڭىز››دا قانغۇچە ئويناپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن مەڭگۈلۈك ئەسلىمە قالدۇرۇشتى.
شىنجاڭ قورغاس فىرانسىيەنىڭ پروۋېنس ۋە ياپونىيەنىڭ خوككايدۇ ئارىلى بىلەن ئوخشاش بىر كەڭلىككە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئۇستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ بىرىدۇر. نۆۋەتتە قورغاس ناھىيەسىدىكى ئۈستىقۇددۇسنىڭ كۆلىمى 20 مىڭ موغا يېتىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ خۇش پۇراقلىق ماتېرىيال ئۈستىقۇددۇس ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %97 ىنى ئىگىلەيدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved