شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان سەھىپە
مايۈن مۇنداق دەيدۇ : خىزمەتچىلەرنىڭ ئىستىپا بىرىشىدە ئىككى خىل سەۋەپ بار. بىرى پۇل يىتەرلىك بىرىلمەسلىك. يەنە بىرى كۆڭۈل ئۇۋالچىلىققا ئۇچراش. خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قىلىشتا ئۈچ مۇھىم ھالقا بار يەنى مائاش ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىش، شان-شەرەپ ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىش، كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلالايدىغان ئورۇن ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىش. بۇلارنى قىلغاندا خىزمەتچىلەر ئۆزلىكىدىن ئۆزىنى شېركەتكە بېغىشلايدۇ، شېركەتمۇ مۇشۇنداق خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدىن رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
21-ئەسىردە نىمە ئەڭ قىممەتلىك؟ دەل ئىقتىساس ئېگىللىرى. نۇرغۇن شېركەتلەر خىزمەتچىلەرنى قانداق تۇتۇپ قېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئۈچ ئىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.
1. مائاش ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىش
«خىزمەتچىلەر پەقەت مائاش ئۈچۈنلا ئىشلىمەيدۇ، لىكىن مائاش يىتەرلىك بولمىسىمۇ بولمايدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتچىلەرنى بۇلۇپمۇ ئاساسلىق خادىمنى تۇتۇپ قېلىشتا ئالدى بىلەن مائاش ئارقىلىق ئۇلارنى قىززىقتۇرۇش كېرەك. يەنى مائاش ئوخشاش تىپتىكى كەسىپلەرگە نىسبەتەن ھەرگىزمۇ تۆۋەن بوپقالماسلىق كېرەك. مائاش يىتەرلىك بولغاندىلا ئاندىن خىزمەت مۇھىتى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ئويلىشىدۇ.
2. شان-شەرەپ ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىش
ھەرقانداق بىر ئاساسلىق خادىم خىزمىتىگە يارىشا قەدىرلەشكە ئېرىشىشنى، يۇقۇردىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى، خىزمىتىگە لايىق نامغا ئىرىشىنى ئويلايدۇ. رەھبەر بولغۇچى خىزمەتچىلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ، خىزمەت نەتىجىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇكاپاتلاپ تۇرۇشى زۆرۈر.
3. كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلالايدىغان سەھنە ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىش
بۇ خىزمەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. رەھبەر خىزمەتچىلەرگە ماس بولغان خىزمەت مۇھىتى، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردە يىتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياخشى مۇھىت تەمىنلەپ بىرىشى كېرەك.
شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved