قاتناش ساقچىسىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ كاتتا ئاپتوموبىل

     يېقىندا بىر قىسىم تورداشلار شېنجېن قاتناش ساقچى ئەترىتىگە بىر دانە ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىپ، "بۇ نېمە ماركىلىق ئاپتوموبىل؟" دەپ سورىدى، قاتناش ساقچىلىرى ئۇنىڭغا تەكشۈرۈپ بېقىش توغرىسىدا جاۋاب قايتۇردى، قاتناش ساقچىلىرىمۇ بىلمەيدىغان قانداق ئاپتوموبىلدۇ ؟

    قاراڭ، قاتناش ساقچىسىمۇ بىلمەيدىغان بۇ ئاپتوموبىل - سېتىلىش باھاسى ئۈچ مىليون يۈەنلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل بولۇپ، كىشىنى ھېيىقتۇراتتى. بۇ دەل كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل جورجى بادۇن دالا ئاپتوموبىلى. جورجى بادۇن دالا ئاپتوموبىلى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئوق ئۆتمەس ئاپتوموبىل بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكىلىق قوماندان جورجى بادۇننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ يوغان گەۋدىسى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ، 4080 كىلوگىراملىق دەرىجىدىن تاشقىرى گەۋدە ئېغىرلىقى، 2370 مىللىمېتىرلىق ئېگىزلىكى ئالدىدا ھۇممېر ئاپتوموبىلىمۇ بويۇن قىسىپ قالىدۇ، بۇ ئاپتوموبىلغا سەپلەنگەن 6.8 لىتېرلىق چىقىرىشچانلىقتىكى V10 ماتورىغا گەپ كەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

   سۈرلۈك تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن روشەن پەرقلىنىدىغىنى ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئىچكى بېزىلىشىدۇر. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە چوڭ كۆلەمدە خۇرۇم ئىشلىتىلگەن، قول بىلەن كەشتىلەنگەن ھەقىقىي خۇرۇم ئورۇندۇق سەپلەنگەن بولۇپ، ئارقى رەت ئورۇندۇقى ئايروپىلاننىڭ ئالىي دەرىجىلىك بۆلمىچىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئاپتوموبىلغا يول باشلاش سىستېمىسى، 32 ديۇملۇق سۈنئىي ھەمراھ تېلىۋىزورى سەپلەنگەن.

   بۇندىن باشقا، بۇ ئاپتوموبىلغا يەنە بىئوخىمىيە زەھەرلىك گازىدىن مۇداپىيىلىنىش سىستېمىسى، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئەسۋابى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن. يوغان گەۋدىلىك ئاپتوموبىللار نۇرغۇن بولسىمۇ، ئەمما ھەشەمەتلىك ئىچكى بېزىلىشىگە ئىگە ئاپتوموبىل كۆپ ئەمەس. بىرلا ۋاقىتتا ھەم يوغان گەۋدە ھەم ھەشەمەتلىك ئىچكى بېزىلىشكە ئىگە بولغان ئاپتوموبىل بولسا بارماق بىلەن سانىۋالغۇچىلىكلا بار بەلكىم.



خەتكۈچلەر:
26-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
    IT ئائىلىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋىرى، ئالما شىركىتى يېقىندا بىر تۈرلۈك يېڭى پاتېنت ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر iPhone ئارقىلىق ئاپتوموبىلنى كونترول قىلىش، قۇلۇپىنى ئېچىش، قوزغىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالاي...
25-05-2016
    ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان ياسايدىغان ئايروبۇس شىركىتىنىڭ Eurocopter X3 تىپلىق ئايروپىلانغا «دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئۇچىدىغان تىك ئۇچار» پاتېنت ئىلتىماسى سۇنغان. بۇ ئايروبۇس شىركىتىنىڭ Eurocopter X3 تىك ئۇچار ئاي...
25-05-2016
    ئاۋدى A3 نىڭ باھاسى چۈشتى يېڭى نۇسخىدىكى ئاۋدى A3 بولسا MQB ياساش سۇپىسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، يېقىندا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ بازار باھاسى مەملىكەت بويىچە 20 مىڭ يۈەندىن ئوشۇق چۈشكەن، ياسىلىشى پۇختا سۈپىتى ياخشى بولۇپ باھاسىنىڭ چۈ...
25-05-2016
    خوندانىڭ بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 10-ئەۋلاد يېڭى نۇسخىسى بۇيىل بازارغا چىققان بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئالاھىدە يىرى موتورى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ماتورىغا بېسىم ئاشۇرغۇچى موتور سەپلەنگەن، خوندانىڭ بۇ خىل تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا تۇنجى بولۇپ بېسىم ئ...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھىندىستاننىڭ قوش موتورلۇق قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى يېڭى دېھلىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان.
25-05-2016
  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 23 - ماي چۈشتىن كېيىن جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايون...
24-05-2016
    جۇڭگو گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرى ليۇ جىيەن فىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، بېيجىڭ-قۇمۇل-تۇرپان ھاۋا يولىنى ئاچتى.     بېيجىڭ-قۇمۇل-تۇرپان ھاۋا يولى ...
24-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى، «ئاۋدى» شىركىتى يېقىندا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىندا، شىركەتنىڭ كەلگۈسىدە ئېلېكتىرونلىشىش ۋە رەقەملىشىشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ساھەگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. يېقىندا يۈز بەرگەن «گاز قو...
24-05-2016
    باۋجۈن ئاپتوموبىل شىركىتى يېقىندا باۋجۈن 70نى بازارغا سالدى، ئالتە خىل تاللاش تىپى بار بولۇپ 60 مىڭدىن 80 مىڭغىچە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتىن 1.5 لىك تەبىئىي گاز سۈمۈرىدىغان موتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ چىقىرىش قۇ...
24-05-2016
    جوڭتەي ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى 26-چېسلا پورسچى ئاساسىدا ياسالغان T600 ئاپتوموبىلىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى بازارغا سالىدۇ، بۇ ئاپتوموبىل جوڭتەينىڭ دوراپ ياسىغان ماشىنىلىرى ئىچىدە بىرقەدەر ئۇتۇق قازانغان تىپى بولۇپ، ياسىلىش ھ...
Powered by Leglek