شىنخۇا تورى يرھاننىسبۇرگ 29- يانۋار تېلېگراممىسى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يرھاننىسبۇرگ شەھىرىدىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسى ئەتراپىغا جايلاشقان بەدفورد (Bedford) مال سېتىۋېلىش مەركىزى 29-يانۋار بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يەتتە ئادەم يارىلانغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە يارىلانغانلار ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار يوق ئىكەن.
29-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:15 دە، بىر توپ قوراللىق باندىتلار بەدفورد (Bedford) مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، شۇ يەردىكى بىر بانكا بىلەن يەنە بىر چوڭ تاللا بازىرىنى بۇلىغان. ساقچى تەرەپ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېين دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ مەزكور مال سېتىۋېلىش مەركىزىنى قامال قىلغان ھەم بۇلاڭچىلار بىلەن ئېتىشقان. نەتىجىدە ساقچى تەرەپ ئىككى قوراللىق بۇلاڭچىنى ئېتىپ يارىلاندۇرغان ۋە قولغا ئالغان. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇلاڭچىلىققا قاتناشقان باشقا بۇلاڭچىلارنى تۇتۇۋېتىپتۇ.
ساقچى تەرەپ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئېتىشىش جەريانىدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى نەپەر قوراللىق بۇلاڭچى، مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ ئىككى ئامانلىق قوغداش خادىمى ۋە ئۈچ خېرىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئايال خېرىدارنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. ساقچى تەرەپ بۇ قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىگە قاتناشقان قوراللىق بۇلاڭچىلارنىڭ سانىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.
مۇخبىرنىڭ ساقچى تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە يارىلانغانلار ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرى شۇنداقلا شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار يوق ئىكەن.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved