60 ياشلىق «پۇرچاق ئەپەندى» روۋان ئاتكىنسون گەرچە ئايالى سۇنېترا بىلەن ئاجرىشىپ ناھايىتى تېزلا ئۆزىدىن 30 ياش كىچىك ئايال چولپان لوسى فورد بىلەن چىقىشىۋالغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا بۇرۇنقى ئايالىدىن بولغان قىزى لىلىغا ناھايىتى كۆيىنىدۇ، ئۇ يېقىندا مىليون فوندستېرلىڭ خەجلەپ قىزىنىڭ مۇزىكا چۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.پۇرچاق ئەپەندى ئادەتتە ماشىنا سېتىۋېلىشقا ئەزەلدىن پۇل ئاياپ ئولتۇرمايدۇ، ئەمدى بولسا ئۇ قىزىنى بىر مۇزىكانت قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمىدى. باشتا ئۇ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ قىزىنىڭ MV ئىشلىشى ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بەردى، ئاندىن يەنە پۇل خەجلەپ قىزىنى ئۇسسۇل دەرسىگە ئەۋەتتى.
ئەمەلىيەتتە 20 ياشلىق لىلىمۇ ناھايىتى تىرىشچان، ئۇ ئاللىقاچان بىر ئىجادىي ناخشىچى بولۇپ بولغان. لىلى لوندوندا دائىم چوڭ مۇزىكا زاللىرىدا ئويۇن قويىدۇ. لىلى كىچىكىدىن ناخشىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، ئۇ بىر گىگانت چولپان بولۇشقا بارغانسىرى يېقىنلاشماقتا.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved