گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەمگەكچىلەر ئىدارىسى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالدىنقى ئايدا(2015-يىلى دېكابىردا) گېرمانىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى %6.1 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 ئاشقان. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2015-يىلى دېكابىردا گېرمانىيەدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى 2 مىليون 681 مىڭ بولۇپ، نويابىردىكىدىن 48 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، بىراق، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 82 مىڭ ئادەم ئازايغان. فېدېراتسىيە ئەمگەكچىلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيە ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ داۋاملىق ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
سانلىق مەلۇماتلاردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەدە 2015-يىلدىكى جەمئىي ئىشسىزلارنىڭ سانى 2014-يىلدىكىدىن 104 مىڭ ئادەم ئازايغان، يىللىق ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق نىسبىتى 6.4 بولۇپ، 2014-يىلدىكىدىن %0.3 ئازىيىپ، 1992-يىلدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى سەۋىيەسىگە باراۋەر بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved