بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا ، كولۇمبىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پاستو شەھىرىدە ئۆزگىچە بولغان ئالاھىدە كاتتا تەنتەنە بايرىمى بايرىمىنى كۈتۈۋالدى .يانۋارنىڭ باشلىرىدا ، 4 كۈن داۋاملىشىدىغان " ئاق ۋە قارا تەنتەنە بايرىمى " كولۇمبىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پاستو شەھىرىدە باشلاندى ، نەچچە مىڭ كولۇمبىيە ئاممىسى ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەركوچىلاردا توپلىشىپ ، پاراتتىن ئۆتىۋاتقان بېزەك ئاپتوموبىللار ۋە ناخشا ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندى .
بۇ بايرامنىڭ " ئاق ۋە قارا تەنتەنە بايرىمى" دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپنى بىلمەكچى بولساق بىز يەنىلا يۈز يىل ئاۋۋالقى تارىخقا نەزەر سالساق بولىدۇ ، شۇ چاغلاردا ھەريىلى يانۋارنىڭ باشلىرىدا ، نەچچە ئون مىڭ كولۇمبىيە ئاممىسى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كولۇمبىيە بىلەن ئېكۋادور تۇتىشىدىغان پاستوغا يىغىلىپ ، بىر قانچە ئەسىرلەرئالدىدىكى قارا تەنلىك قۇللار ئۇچرىغان بەختسىزلىكلەرنى شۇنداقلا ئۇلار ۋارسلىق قىلغان ئافرىقا مەدەنىيىتىنى خاتىرىلەش ئۇچۇن تەنتەنە قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزەتتى.
ھازىرمۇ ، تەنتەنەبايرىمىدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ ياكى يۈزلىرىنى بوياق ماتېرىيالى بىلەن قارا رەڭگە بوياپ ، كولۇمبىيەنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۇچۇن تۆھپە قوشقان قاراتەنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ؛ يەنە بەزىلەرئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ ، ئاق رەڭلىك ئۇپا سۈرتۇپ ، ياۋروپادىكى ئاق تەنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق قارا تەنلىك بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ باراۋەر ، ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورنىتىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
ئامما" بۇ بىرمەيدان سالاھىيىتى ئېتىراپ قىلىنغانلار نامايىشى ، بىز قارا رەڭلىك بوياق ماتىرىيالى ئارقىلىق يۈزلىرىمىزنى قارا رەڭدەبويايمىز ، بۇ بىر خىل ئىرق ئايرىمايدىغان ، جەمئىيەتتىكى ئورنى ئايرىلمايدىغانزور كۆلەملىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى . "كولۇمبىيە " ئاق ۋە قارا تەنتەنە بايرىمى " ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ، ئۆزگىچەئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقى بىلەن 2009 - يىلى ب د ت مائارىپ ، پەن تېخنىكا ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن" ئىنسانلارنىڭ ئېغىزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى "تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved