جوڭگۇ ئاۋازى گىزىتى خەۋەر قىلىپ،ئامرىكا ئاق ساراي چىقارغان جوڭگۇنى يوقلاش ساياھىتىنىڭ بۈگۈن باشلانغانلىقىنى ئىيىتتى.
ئامرىكىنىڭ بىرىنجى خانىمى مىېچل بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىككى قىزىدىن تەشكىل تاپقان "ئاياللار قوشۇنى"بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ جوڭگۇنى ساياھەت قىلدىغىنىنى ،ئالدى كىيىن بولۇپ بىيجىڭ ،شىئەن ۋە چىڭدۇغا بىرىپ شۇ جايلاردىكى مەدەنىيەت،مائارىپ،ئۆرىپ -ئادەت،يىمەك-ئېچمەك قاتارلىقلارنى كۆرۈپ كىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاق ساراينىڭ "يىرىم ئاسمىنى"بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئامرىكا بىرىنجى خانىمى ئامرىكا ئاخباراتىچىلارنىڭ نەزىردىكى پىشقان پىرسۇناژ.ئۇنىڭ 6 يىللىق زوڭتۇڭ ئايالى بولۇش ھاياتىدا،نۇرغۇنلىغان كۆزنى چاقنىتىدىغان ئشلارنى قىلدى.
ھەتتا كىيىنىشىدىن تارتىپ ھەممە كىشىنى قايىل قىلدى.ئاسانلىقچە يالغۇز ئۆيدىن چىقمايدىغان بىرىنجى خانىم بۇ قىتىم جوڭگۇغا يالغۇز ئۇچتى.بۇ قىتىملىق سۆھبەت ساياھىتىگە نىسبەتەن مىېچىل ئاق سارايدا جوڭگۇ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسى بار دۆلەت،نوپۇسى بىر مىليارد ئۇچ يۈز مىليوندىن ئاشقان،خەلىقئارالىق سەھنىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ،بۇ قىتىملىق ساياھەت بەك مۇھىم دەپ بىلدۈردى.
ئاق ساراي مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى باشلىقى روس مۇنداق دىدى:
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بۇ قىتىملىق پائالىيەت مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىرىنجى خانىم جوڭگۇدىكى بىر قانچە شەھەرگە بىرىپ،دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرىشىدۇ،بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوسلۇقىنى كۈچەيتىدۇ.
ئاق ساراينىڭ تونۇشتۇرشىچە:مىچېل ۋە رەئىس شىجىنپىڭنىڭ ئايالى پېڭلىيۈەن بىلەن كۆرۈشئىدىكەن.21-چىسلا ئۇلار بىيجڭدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلدىكەن،ئاندىن خان ئئوردىسىغا باردىكئئەن،ئاندىن مەخسۇس كەچلىك تاماق يەيدىكەن.22-چىسلا بىيجىڭ ئۇنۋېرسىتىندا ئامرىكا-جوڭگۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلايدىكەن.
جوڭگۇ ئاڭلىتىش تورى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved