5-ئايدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى مەنزىرىگاھلىرىدا تاغ گۈللىرى ئېچىلىپ، ئوتلاقلار بۈك - باراقسان بولۇپ، ھەممە يەر يېشىللاشتى، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، بۇيلۇق، قاناس، تەڭرى تېغىدىكى بوغدا كۆلى قاتارلىق A 5 دەرىجىلىك ساياھەت رايونلىرى ئالدىن تاللايدىغان قىزىق مەنزىرە رايونلىرى بولۇپ قالدى.
بۇ يىل شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ « گۈزەل شىنجاڭ - پويىزدا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش » ناملىق ساياھەت ماركىسى يارىتىپ، 16 تۈرىدىكى 96 قېتىم ئاساسىي تېما گەۋدىلەندۈرۈلگەن شىنجاڭ ئىچى ساياھەت پويىزىنى ئىشقا سالماقچى بولدى،بۇ پىچان قۇملۇق باھارى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول مەخسۇس پويىزى، تۇرپان ئۈجمە بايرىمى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول مەخسۇس پويىزى، ئۈستىقۇددۇس ساياھەت مەخسۇس پويىزى، قىچا گۈلى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 3-ئايدا قاناش باشلانغان تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول مەخسۇس پويىزى 10-ئايدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئالتۇن كۈز مەخسۇس پويىزى قاتنىغانغا قەدەر داۋاملىق قاتنايدۇ. شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن 80 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ساياھەتچى كۈتۈۋالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دۆلەت ساياھىتى گۇرۇھى جۇڭگو تۆمۈر يولى ساياھەت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەملىكەت بويىچە 17 تۆمۈر يول ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭغا كىرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى تەشكىللەپ، ئىچكىرى جايلاردىن شىنجاڭغا كىرىشكە 120 مەخسۇس پويىزنى جەلپ قىلىپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved