بوللىۋودتىكى ھەقىقىي خانزادە-سەيىف ئەلى خان

   بوللىۋود ئارتىسى سەيىف ئەلى خاننىڭ ئەسلى ئىسمى ساجىد ئەلى خان پاتاۋدى، ئۇ 1970-يىلى يېڭى دېھلىدا تۇغۇلغان، سەيىف ئەلى خان ناھايىتى ئېسىل جەمەتتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادى 16-ئەسىردە ئافغانىستاندىن ھىندىستانغا كەلگەن، 1805-يىلى بىرتانىيە شەرقىي ھىندسىتان شىركىتى پاتاۋدى مەمۇرى شىىتاتىنى قۇرغاندا سەيىف ئەلى خاننىڭ 10-بوۋىسى فايىز تالاب خان بۇ شىتاتنىڭ تۇنجى ئەۋلاد باشلىقى يەنى ناۋابى بولغان. سەيىف ئەلى خاننىڭ بوۋىسى ئىفتىخار، دادىسى مەنسور ھىندىستان دۆلەتلىك پالاق كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مەنسور پاتاۋدى يەنە 1971-يىلىغىچە پاتاۋدىنىڭ ناۋابى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1971-يىلى بۇ مەنسەپ ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن سىمىۋوللۇق نام ئاتاق قالغان، 2011-يىلى مەنسور پاتاۋدى قازا قىلغاندىن كېيىن سەيىف ئەلى خان بۇ نامغا ۋارىسلىق قىلغان.

سەيىف ئەلى خاننىڭ ئاپىسى 60-يىللاردىكى داڭلىق ئارتىس شارمىلا تاگور، شارمىلا تاگور نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇلۇغ ئەدىب رابىندرانات تاگور بىلەن بىر جەمەتتىن.

سەيىف ئەلى خان 1993-يىلى كىنو «ئەنئەنە» بىلەن ئارتىسلىق ھاياتىنى رول باشلىغان. 1993-يىلى ئۇ «ئاشىق ئاۋارا» دا جىممىينىڭ رولىنى ئالغان، بۇ فىلىم زور ئۇتۇق قازانغان، سەيىف ئەلى خان بۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم فىلىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1994-يىلى ئۇ ئاكشاي كۇمار، كاجول بىلەن ئىشلىگەن «مۇھەببەت ئويۇنى»مۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. شۇ يىلى ئۇ يەنە «ئۈزۈلمەس رىشتە» دە رول ئالغان. گەرچە شۇنىڭدىن تارتىپ 2000-يىلىغا قەدەر سەيىف ئەلى خان يىلدا كىنو ئىشلەپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن كىنولىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇب بولغان.

2001-يىلى «Dil Chahta Hai» سەيىف ئەلى خاننىڭ مۇۋەپپەقىيەت سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەن،2003-يىلى شاھرۇھ خان، پرىتىي زىنتا بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «ئەتە بولسۇن بولمىسۇن» ئارقىلىق سەيىف ئەلى خان كەسپىي ھاياتىدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھاسىل قىلغان. بۇ ۋاقىتقىچە سەيىف ئەلى خان ئاساسەن كىنولاردا يانداش رول ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، 2004-يىلىدىن باشلاپ ئۇ كىنودا باش رول ئېلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ رانى مۇكەرجى بىلەن ئىشلىگەن «سەن ۋە مەن»، پرىتىي زىنتا بىلەن ئىشلىگەن «سالام» قاتارلىق فىلىملەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

كېيىنكى يىللاردا ئۇ ئىشلىگەن مۇھىم فىلىملەردىن «سايرۇس بولۇش»، «خان جەمەتى قوغدىغۇچىسى» «مۇسابىقە»، «ئاج كالغا ئاشىق بولۇش»، «قۇربان» (ئايالى بىلەن رول ئالغان)، «كوكتېل ھارىقى»، «مۇسابىقە2»، «ئەرۋاھ» قاتارلىقلار بار.

سەيىف ئەلى خان 1991-يىلى ئۆزىدىن 13 ياش چوڭ ئارتىس ئامرىتا سىڭ بىلەن توي قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار (قىزى سارا 1993-يىلى، ئوغلى ئىبراھىم 2001-يىلى تۇغۇلغان). ئىككىسى ئاجراشقاندىن كېيىن بالىلار ئانىسىغا بۇيرۇلغان.



خەتكۈچلەر:
03-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek