رۇسىيە بىلەن ئوكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ياراشتۇرۇش تەس بولماقتا

ئۇكرائىنا كرىزىسى پارتلىغاندىن كىيىن، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئىككى دۆلەتنى ياراشتۇرۇش جەھەتتە كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. يېقىندا بېلارۇسىيەنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ئىككى تەرەپ مېنىسكىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.


رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورشىنكو 26-ئاۋغۇست بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مېنىسكىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشىنكو تەشەببۇس قىلغان ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ. يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىسكى سۆھبىتى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەسىمى كۆرۈشۈشى بولۇپ يۈكسەك دىققەت قىلىنماقتا. پورشىنكو ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭى بولغاندىن كىيىن، پۇتىن پورشىنكو بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ يىل 6-ئاينىڭ باشلىرىدا فرانسىيەدە نورماندىدا قۇرۇلۇققا چىقىشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا كۆرۈشكەن.


بۇ قېتىمقى مىنىسكى سۆھبىتى، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياخشى تەرىپى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى رۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشمەيدۇ، بەلكى رۇسىيە قاتناشقان تەشكىلات بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بىراق تاموژنا بىجى ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئالدى بىلەن سودا مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ئۈستىدە بىۋاسىتە توختىلىشدىن ساقلىنىلىدۇ.


نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى توقۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياخشى تەييارلىق كۆرۈلۈپ بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.


ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى 19-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: مېنىسكى سۆھبىتىدە ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كرىزىسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر بىلەن ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بىراق رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: سۆھبەتتە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئاپەت خارەكتېرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىس ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.


بۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋالدا، بۇ قېتىمقى سۆھبەتمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر يول خەرىتىسى بېكىتىلىشى مۇمكىن.


ئۇكرائىنانىڭ مېنىسكى سۆھبىتىگە قاتنىشىش مەيدانى، نۆۋەتتە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى ئەل ئارا قۇراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان كۆرەشتە بىر قاتار ئۇرۇش نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بىراق، مېنىسكى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشنى جاكارلاپ سۆھبەت رەسمىي باشلانغانغىچە بولغان بۇ مەزگىلدە، ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈشىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئەل ئارا قۇراللىق كۈچلەردىن بىرەر تەرەپ سۆھبەتتىن ئىلگىرى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ۋە تەشەببۇسكارلىققا ئېرىشىدىغان بولسا، سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە رۇسىيە ئاساسىي جەھەتتىن 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى ئۇكرائىنا، رۇسىيە ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جەنۋە باياناتىقا قايتىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. بىراق بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: 4-ئايدىكى جەنۋە باياناتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىنىڭ ۋەزىيىتى ئەينى ۋاقىتتىكىدىن ناھايىتى زور پەرقلىنىدۇ. تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت تېخىمۇ زور كۆلەمدە توقۇنۇشۇش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ غايەت زور زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ يەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى كۈچەيدى، خەلقنىڭ پسخولوگىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جەنۋە باياناتى يولىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گەرچە رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنانىڭ فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمى سانائەت تەرەققىي قىلغان رايون، شۇنداقلا ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات تۈۋرۈكى بولۇپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بۇ يەردە ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇشغا ۋە مەركەزنىڭ كونتروللۇقىنى قوبۇل قىلمايدىغان ئىقتىسادى ھوقۇققا ئىگە بولۇشىغا يولغا قويمايدۇ.


يەنە بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: مېنىسكى سۆھبىتى ماھىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتۈشلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ. بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشىنكو بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق ياراشتۇرۇش ئىلىپ بېرىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ بېلارۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالىشىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. مېنىسكى سۆھبىتىنىڭ ئاكتىپ تەرىپى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭلىرىنى بىر ئۈستەلگە ئەكىلىشتىن ئىبارەت بولۇشىلا مۇمكىن.

 

ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتمۇ نورماندىدا قۇرۇلۇققا چىققانلىقنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى قول ئېلىشقاندىن كىيىن، پۇتىن بىلەن پورشىنكو ئوتتۇرسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كىيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە پايدىلىق.



خەتكۈچلەر:
25-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek