12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگى ئالتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قىزىق لىنىيە تورىدا بىر پارچە قارلىق دالىدا قاتار ماڭغان بۆرە توپىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىندى، ھەمدە بۇ سۈرەتنى ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونىدىكى چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى چارلاش جەريانىدا قارلىق دالىدا بىر توپ بۆرىنىڭ بىر قاتار بولۇپ تىزىلىپ ماڭغانلىقىنى بايقاپ سۈرەتكە تارتىۋالغانلىقى ئېيتىلدى.
بىراق پېڭبەي تورىدا ئىزدىگەندە، يۇقىرىقى سۈرەتنىڭ 2011-يىلى تارقاتقان ياۋايى ھايۋانلار خاتىرىسى «مۇزلىغان پىلانېت» دىن كېسىپ ئېلىنغانلىقى بايان قىلىندى.
ئالتاي ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قىزىق لىنىيەسى مىكرو بىلوگىدا تۇنجى قېتىم يۇقىرىقى بۆرە توپىنىڭ سۈرىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە «ھەقىقىي بۆرە توپى، ئالدىدا ماڭغىنى بۆرە پادىشاھى! ئىپتىدائىي ئورمان، ياۋايى تەبىئەتنىڭ ھۆركىرىشى!» دېگەن خەتلەر قوشۇپ تارقىتىلدى، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ سۈرەتكە ماختاش سۆزلىرىنى يېزىشتى.
يۇقىرىقى خەۋەر مىكرو بىلوگدا تارقىتىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل ماقالىلەرنى يېزىپ، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى بۆرە توپىنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى.
بىراق يۇقىرىقى خەۋەر مىكرو بىلوگدا تارقىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئالتاي ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدا يەنە يېڭى بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى، خەۋەردە ساقچى تەرەپ ئۆزىنىڭ بۆرە توپى ھەققىدىكى خەۋەرنى ھەقىقەتەن ئېلان قىلغانلىقى، ئەمما يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ دەلىللەش ئارقىلىق بۇ سۈرەتنى چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى تارتمىغانلىقى، خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسىدە خاتالىق بارلىقى ئېيتىلدى، شۇنداقلا يۇقىرىقى يالغان خەۋەر سەۋەبلىك تورداشلارغا ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى مىكرو بىلوگدا يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، خەۋەرلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن دەلىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
![]() |
ئامېرىكا Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان.
تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved