ياشلار تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . قان ئازلىق سەۋەپلىرى بەك كۆپ بولغان ئومومى بەدەن خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇپ ، قان ئازلىق كېسەللىكىنىڭ تۇرلىرى بىرقەدەر جىق. مەسىلەن : تۆمۇر يىتىشمەسلىكتىن بولغان قان ئازلىق، ھەزىم ئەزالىرى ياخشى بولمىغاندىن بولغان قان ئازلىق، قان ھۇجەيرىلىرىنىڭ ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن بولغان قان ئازلىق، قاناش خاراكتىرلىك قان ئازلىق دەپ نۇرغۇن تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ. ھەمدە بۇلارنى داۋالاشتا ھەربىرىگە ئوخشىمىغان يول ۋە ئۇسۇل بىلەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.
قان ئازلىق ھەرخىل سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم كىسەللىكلەرگە ئەگىشپ كىلىدىغان ،ئەگەشمە كىسەللىكتىن ئىبارەت. قان ئازلىق كىسەللىك سەۋەبىگە قاراپ ؛ قان ئىشلەشكە قاتنىشىدىغان مادىلارنىڭ يىتىشمەسلىكىدىن بولغان قان ئازلىق ،قان ئشلىگۇچى ئەزالار خىزمىتىنىڭ تۇۋەنلىشىدىن بولغان قان ئازلىق،قان يۇقۇتۇش خارەكتىرلىك قان ئازلىق،قان ئىرىش خارەكتىرلىك قان ئازلىق دىگەن تۇرلەرگە بۇلىنىدۇ. ھۇجەيرە شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن؛ كىچىك ھۇجەيرە تۇۋەن پىگمىنىتلىق قان ئازلىق،نۇرمال ھۇجەيرە تىپلىق قان ئازلىق،چوڭ ھۇجەيرە تىپلىق قان ئازلىق د ەپ ئۇچ تۇرگە بۇلىنىدۇ.
سەۋەبى:
1. غەيرى تەبىئي سەۋدا ماددىسىنىڭ يىلىككە تەسىر قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
2. فىزىكا – خىمىيىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ( دولقۇن رادىيەتسىيەسى ،ئانتىبىيۇتىك دورىلارنى كوپ ئىشلىتىش.)
3. بىر قىسىم يۇقۇملىنىشلار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ( ئاق قان كىسەللىكى،كىزىك جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىش،لىمفا ئۆسمىسى،سۇزۇلما بورەك زەئپلىشىش قاتارلىقلار )
4. سۇزۇلما ئاشقازان ،ئۇچەي كىسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش.( ئاشقازان ،ئۇچەي ياللۇغى ،سۇزۇلما ئىچ سۇرۇش،ئاشقازان راكى قاتارلىقلار.)
5. بەدەندە تۇمۇر ماددىسىنىڭ زىيادە سەرىپ بۇلىشى .يەنى يۇشۇرۇن قاناش،ئادەت كوپ كىلىش،ئاشقازان – ئۇچەي تىشىلىش،سۇزۇلما مەددە قۇرۇت كىسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش قاتارلىقلار.
6. ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ۋە يىلىكنىڭ ئۇزىدىكى كىسەللىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. يەنى يىلىك ئوسمىسى ،لىمفا تورسىمان ئوسمىسى،ئاق قان كىسەللىكى قاتارلىقلار.
كىلنىك ئالامىتى تەدىرجى پەيدا بۇلۇپ. ئاستا- ئاستا ئېغىرلىشىدۇ.بۇنى بىمارلار ھىس قىلالمايدۇ،يەنگىل دەرجىدە تىرىلەر قۇرغاقلىشىش،تىرە شىللىق پەردىلەر تاتىرىش،ئاسان چارچاش،ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرى پەيدا بۇلىدۇ.كىسەللىك ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ باش قېيىش،ئۇيقۇسىزلىق،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غۇڭۇلداش،ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تۇۋەنلەش قاتارلىقلار بۇلۇش بىلەن بىرگە يۇرەك چالاڭغۇراش،نە پەس تىزلىشىش،قاتارلقلارمۇ كۇرىلىدۇ.ئېغىر بولغۇچىلاردا قان بېسىمى تۇۋەنلەش،سۇيدۇك مىقدارىدا ئوزگىرىش بۇلۇش،ئاقسىل سىيىش،بەل ئاغرىش،جىگەر لىمفا تۇگۇنچىللىرى چۇڭۇيۇش ئالامەتلىرى كۇرىلىدۇ.
دىئاگنۇز قۇيۇش:
1) كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.
2) تىپىك بولغان قان ئازلىق ئىپادىللىرىگە ئاساسەن دىئاگۇز قۇيىلىدۇ.
3) لابىراتۇرىيەلىك تەكشۇرۇش نەتىجىللىرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگۇزى:
1) كىمىيىش خارەكتىرلىك سوسۇن داغدىن پەرىقلەندۇرىلىدۇ.
2) ئاق قان كىسەللىكىدىن پە رىقلەندۇرىلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش؛
پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ،كىسەللىك سەۋەپچىسىنى يۇقۇتۇش.سۇغۇق ئوتكۇزۋېلىشتىن ساقلىنىش،يۇقۇملىنىش بىرگە بولسا ئۇنى ئاكتىپ داۋالاش. يىمەك – ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش لازىم .داۋالاش؛ كېسىەللىك سەۋەبچىسىنى يۇقۇتۇش.خىلىت تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل خىلىتقا قارىتا داۋالاش. ھەزىم ئەزا لىرىدىكى كىسەللىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا ئەسلى كىسەللىكىنى داۋالاش.ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش. ئۇزۇقلۇق بىلەن داۋالاشتا مىۋە – چىۋە ،سۇت ،قايماق،ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئە زالىرى (جىگەر، بورەك ) قاتارلىقلارنى بىرىش. تۇمۇر تۇلۇقلاش مەقسەتتە پۇلات ،تۇمۇر،ئالتۇن قاتارلىقلارنىڭ داغمال سۇيىنى ئىچكۇزۇش،چىلان، قان تىپەر قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش, قان كۇپەيتكۇچى ،بەدەننى قۇۋەتلىگۇچى دورىلاردىن مادىتىل ھايات،نارپىننە شەربىتى،ئانار شەربىتى،خېمىرى مەرۋايىت،مەجۇنى خۇپسۇلھدىيىت،داۋايى مىشكى،داۋايى تەرەنجىبىن،قىزىل ئۇزۇم سۇيى قاتارلىقلارنى بىرىش. قاننى تەكشۇرگەندە قان تەركىبىدىكى ھىموگلوبىن مىقدارى 60 گىرامدىن تۇۋەن بولسا دەرھال قان بىرىش كىرەك.دىققەت قىلىدىغان ئىشلار؛
1) دۇرا ئىشلەتكەندە قان ئازلىق دەرىجىسى ۋە تىپىنى ئىنىق ئايرىش لازىم.
2) ئارام ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش،ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەردىن ساقلاش كىرەك.
3) قاناش ۋە يۇقۇملىنىش قۇشۇلۇپ كەلگەن بولسا ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش .
1. مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىل ئۇزۇمنى چىلاپ ئۇسۇزلىقىڭىزغا دائىم ئىچىشنى ئادەت قىلسىڭىز قان ئازلىقىڭىزغا شىپا بولىدۇ.
2. توخۇ گۆشى 500گرام، گۇرۇچ 150گرام، غول پىياز، زەنجىبىل، قارىمۇچ، تۇز مۇۋاپىق. توخۇ گۆشىنى پارىچلاپ غول پىياز، زەنجخبىل، قارىمۇچلار بىلەن بىللە قاينتىپ ئارقىدىن يۇيۇپ پاكىزلانغان گۇرۇچ سىلىپ ئوتنى پەسەيتىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ گۇرۇچ ، گۆش يۇمشاق پىشقاندا ئوتنى ئۆچۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. بەدەننى قۇۋەتلەش، قان تولۇقلاش، ئىشتىھانى ئىچىش تەسىرىگە ئىگە. ماغدۇرسىزلىق، ھەزىم ناچارلىشش، ئاسان چارچاش، كەم قانلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
3. يىڭى سۇت 850 گرام، ياڭاق مىغىزى 250 گرام، شىكەر 120 گرام. تەييارلاش: ياڭاق مىغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، سۇتكە ياڭاق تالقىنىنى ۋە شىكەرنى قوشۇپ قاينىتىپ قىيام شەكلىدە تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى: بو ھەم ئوزۇقلۇق بولۇش ھەم داۋابولۇش رولىنى ئوينايدۇ. بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق قاتارلىقلارغا شىپالىق ئۆنۇمى ناھايتى ياخشى.
تۆمۇر يىتىشمەسلىك خاراكتىرلىك قان ئازلىق بولسا مۇنداق ئىككى نوختىنى چۇشۇنىۋىلىش ئەڭ مۇھىم. بىرى تۆمۇرنىڭ سۇمۇرلىشى ياخشى بولمىغان بولىشى مومكىن. يەنە بىرى يەنە بىرى ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىدە چىكىنىش بولماي قاننىڭ يىتەرلىك تولۇقلىنىشى ياخشى بولمىغان بولىشى مومكىن. مەسىلەن: ئاشقازان ياللۇغى، يارىسى، ئۇچەي ياللۇغى، جىگەر ئاجىزلىقى دىگەندەك. مۇشۇ مەسىللەرنىڭ ھەممىسى قان كېسەلنى ئازلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. قان ئازلىقنى داۋالاشتا شۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش ۋە شۇ سەۋەپنى تىپىپ چىقىش ئاندىن شۇ سەۋەپنى يوقىتىش ئەڭ مۇھىم. شۇ سەۋەپ يوقالسا قان ئازلىق مەسىلىسى 3- 4 ھەپتە ئىچىدە ئۆزلىكىدىن تەدرىجى ياخشىلىنىش تەرەپكە تەبئى يۇزلىنىدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە خىل ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمز :
1. تۆمۇر داغمال سۇيىدىن 1 چىنە( چوقۇم بەك سۇزىۋىتىڭ)، تاتلىق ئانار سۇيى 1چىنە، پالەك سۇيىدىن 2 ئىستىكان ئىلىپ يەنگىل ئوتتا بىر ئورلىتىپ ھەپتە ئىستىمال قىلسا قاندىكى تۆمۇر ماددىسى كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا ياخشى مەنپەت قىلىدۇ.
2. قۇرۇق ئۇزۇم 200 گرام، ئۆرۇك مىغىزى 50 گرام، بادام مىغىزى 50 گرام ئىلىپ دورىلارنى سوقۇپ ناشتىدا 2 قوشۇقتىن يەپ بەرسىڭىز قان ئازلىققا بەك شىپا بولىدۇ.
3. ياڭاق مىغىزىدىن 200 گرامنى سوقۇپ تەييارلىۋىلىپ قۇرۇق قازانغا سىلىپ سارغايتىپ بولغاندىن كىيىن قاچىغا ئىلىپ قويىمىز. كۇندە ئەتتىگىنى دانە 2تۇخۇم سىرىقنى قىززىق قايناق سۇغا قوچۇپ ياڭاق مىغىزىدىن 3 قوشۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇمەخسۇس يۇرەك ئاجىزلىق قۇۋەت كەملىك، ماغدۇرسىزلىق، قان ئازلىق بەدەن ئورۇقلاپ كىتىش قاتارلىقلارغا ئوبدان مەنپەت قىلىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved