ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك بىر نامرات رەسسام يىراق شۋېتسىيەدىكى سۆيگىنىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ۋېلىسىپىت بىلەن ھىندىستاندىن يولغا چىقىپ، بەش ئايدا سەككىز دۆلەتتىن ئۆتۈپ، 6400 كىلومېتىر يول بېسىپ، ئاخىرى سۆيگىنى بىلەن جەم بولغان.
بۇ مۇھەببەت ھېكايىسىنى 40 يىل بۇرۇندىن باشلاشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ھېكايىدىكى باش پېرسوناژلار ھىندىستانلىق رەسسام پارادىنا بىلەن شۋېتسىيەلىك ئاقسۆڭەك قىز شارلوتتىن ئىبارەت.
پارادىنا گەرچە ھىندىستاندىكى نامراتلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، سەنئەت تالانتى بولغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھىندىستاندىكى داڭلىق سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ھەمدە رەسىم سىزىش تالانتى بىلەن ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن.
بۇ ۋاقىتتا، 19 ياشلىق شۋېتسىيەلىك ئاقسۆڭەك قىز شارلوت ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، تاسادىپىي پۇرسەتتە پارادىنانىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ قالغان. ئارقىدىن ئۇ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ھىندىستانغا سەپەر قىلىپ، پارادىنانىڭ ئۆزىنى مودېل قىلىپ رەسىم سىزىشىنى ئىلتىماس قىلغان.
ئىككى ياشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش پەرقى ئۇلارنىڭ سۆيگۈ دېڭىزىغا غەرق بولۇشىغا توسالغۇ بولالمىغان. قىسقىغىنا ئىككى ئايدىن كېيىن، ئىككى ياش ھىندىستاندا توي قىلغان. تويدىن كېيىن شارلوت شۋېتسىيەگە كەتكەن. پارادىنانىڭ ئوقۇشى تېخى پۈتمىگەنلىكتىن، شارلوتنىڭ شۋېتسىيەگە كېتىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ھىندىستاندا قالغان ھەمدە ئىككىسى خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرغان.
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پارادىنا ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىنى سېتىۋېتىپ، بىر نىمكەش ۋېلىسىپىت سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق سەپىرىنى باشلىغان.
ئۇ ۋېلسىپىت مىنىپ ئافغانىستان، ئىران، تۈركىيە، بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە دانىيەلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتىدىن نەچچە قېتىم كاشىلا چىققان ھەتتا نەچچە كۈنلەپ ئاچ قالغان. تۆت ئاي ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، پارادىنا ئاخىرى شۋېتسىيە چېگراسىغا يېتىپ كەلگەن. بىراق ئۇ شۋېتسىيە چېگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان.
پارادىنا توي سۈرىتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەمەلدارى ئۇنى قويۇۋەتكەن.
شارلوت خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ھەمدە قىزغىنلىق بىلەن پارادىنانى قارشى ئالغان، ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇ پارادىنانى قوبۇل قىلغان.
ئىككىسى شۋېتسىيەدە ياشاپ، داڭلىق رەسساملاردىن بولۇپ قالغان ھەمدە رەسىملىرى چوڭ شەھەرلەردە كۆرگەزمە قىلىنغان.
ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ، دائىم ھىندىستانغا كېلىپ، يۇرتىنى ۋە يۇرتداشلىرىنى يوقلاپ تۇرىدىكەن. ئۇ ھەر قېتىم ھىندىستانغا قايتقاندا، يۇرتداشلىرى دەبدەبىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدىكەن.
ھازىر ئىككىسىنىڭ توي قىلغانلىقىغا 40 يىل بولغان بولغان بولۇپ، ئىككى بالىسى بار. پارادىنا ھازىر شۇ يەردىكى داڭلىق رەسسامغا ئايلانغان، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ شۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق مەدەنىيەت ئەلچىسى بولغان.
بوللىۋودنىڭ رېژىسسورلىرى نۆۋەتتە بۇ مۇھەببەت ھېكايىسىنى كىنو قىلىپ ئىشلەشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى پىسكاتاۋاي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
|
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved