گەرچە قىشلىق يۆتكىلىش بازىرى تاقالغان بولسىمۇ لېكىن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق كوماندىلار بۇ يىل يازدىكى ماھىر سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولماقتا. جۈمە كۈنى نەشردىن چىققان "كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى" ۋە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ۋە چېلسى كوماندىسى كاۋانىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن رىقابەتنى باشلىدى.ئۆتكەن ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە، كاۋانى ناپولى كوماندىسىدا قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى، ھەم كۆپ توپ كىرگۈزدى. 2013-يىلى يازدا پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى 54 مىليون فوندستېرلىڭ بىلەن ئۇرۇگۋايلىق بۇ چولپاننى سېتىۋالدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كاۋانى فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدا ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى ھەم ئۆز قىممىتىنى ئىپادىلىدى، لېكىن ئىبرايىموۋىچ بولغاچقا كاۋانى يان ھۇجۇمچى ئورنىدا توپ ئوينىدى، بۇنىڭدىن كاۋانى ناھايىتى نارازى بولدى، ھەتتا بۇ يىل يازدا يۆتكىلىشنى قارار قىلماقچى. تورېس، ئېتوئو ۋە دېمبانىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغاچقا چېلسى مەشقاۋۇلى مۇرىنھو بۇ يىل يازدا دۇنيا دەرىجىلىك ھۇجۇمچىدىن بىرنى قوشۇۋالماقچى بولماقتا. مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدا ھۇجۇمچى كۆپ ، لېكىن مەشقاۋۇل مويېس يەنىلا قوشۇننى قايتا قۇرماقچى بولماقتا، ۋان ئوېرسى ۋە ئېرنادىس كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن، شۇڭا مەشقاۋۇل مويېس كاۋانىنى قوشۇۋېلىشتىن ۋاز كەچمىگەن. ئىگىلىنىشچە كاۋانىنىڭ ۋاسىتىچىسى لوندونغا كېلىپ كەلگۈسى بىرقانچە كۈندە مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ۋە چېلسى كوماندىسى بىلەن بىرگە كاۋانىنىڭ كوماندا ئالمىشىش ئىشى توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەكچى. مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ۋە چېلسى ئاز دېگەندىمۇ 54 مىليون فوندستېرىڭ چىقارغاندىلا ئاندىن كاۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ يىل يازدىكى برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا كاۋانى ئۆز قىممىتىنى ئىپادىلىمەكچى، تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: .ئەگەر كاۋانىنىڭ بۇ يىل يازدىكى برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا ئىپادىسى ياخشى بولسا ئۇنىڭ باھاسى يەنىمۇ ئۆرلەيدۇ، ئەگەر بۇ يىل يازدا كاۋانى يۆتكەلمەكچى بولسا ئۇنىڭ باھاسى 54 مىليون فوندستېرلىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. توپ مەستانىلىرى بولسا كاۋانىنىڭ بۇندىن كېيىن مەيلى قەيەردە بولسۇن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلماقتا.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved