بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 22-ئاۋغۇست تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىلىق مۇخبىرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنى يوقىتىشىنى تەكىتلىدى.
باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن، قۇراللىق توقۇنۇش بولىۋاتقان رايوندا خەتەرلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇخبىر ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىغا ئادەتتىكى پۇقرا قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، مۇناسىپ ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەك. خەۋپسىزلىك كېڭىشى قۇراللىق توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇقرالارنى قوغداشدەك ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
باياناتدا، ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ بارلىق تۇتقۇنلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىندى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ خىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يولغا قويغۇچىنى قانۇن تورىغا ئىلىش كېرەك.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved