گوگېل تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .2014-يىللىق بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ،بەلكىم ھەممەيلەن دېگۈدەك بالىلار بايرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن .بالىلار بايرىمى قانداق مەيدانغا كەلگەن ، قاچان بېكىتىلگەن ؟ تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .
بالىلار بايرىمى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلدىغان بايرام بۇلۇپ ،بۇ دۇنيادىكى ھەممە بالىلارنىڭ ئورتاق بايرىمى . بالىلار بايرىمى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل باللىرىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەربىيلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان، بالىلارنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان بايرام.
1925-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى گىتلىر گىرمانىيىسى تاجاۋۇزچىلىرى چىخىسلوۋاگىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا فاشىسىتلار ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى قىرغان بولۇپ شۇ چاغدا توققۇز ئوقۇغۇچى ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۇتۇلغان. 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئاقىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ پىراگا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەققانىي كۆرىشىگە مەدەت بەرگەن. 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن 1946-يىلى پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئوقۇغۇچىلىرى يىغىنىدا 11-ئاينىڭ 17-كۈننى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بايرىمى كۈنى قىلىش قارار قىلىنغان.
شىۋىتسارىينىڭ جەنۋەدە چاقىرىلغان بالىلار پاراۋانلىقى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا، دەسلەپكى «خەلقئارا بالىلار بايرىمى» ئۇقۇمى ئوتتۇرغا قويۇلغان.1949-يىلى 11-ئايدا خەلقئارا دىموكراتىك ئاياللار جەمئىيتى موسكوۋادا يىغىن چاقىرىپ، ھەريىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرىمى، خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىشنى رەسمىي قارار قىلىنغان.
1949-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىمۇ ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ بىكىتكەن.
1951-يىلى 4-ئايدا خەلقئارالىق دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا يىغىن ئېچىپ، ھەر يىلى 1-ئىيوننى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بالىلار بايرىمى ئۈستىدە سۆز بولغاندا، نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا سوۋغا-سالام، تاتلىق كۈلكىلەر نامايان بولىدۇ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە فاشىستلىرى 1942-يىل 6-ئىيۇن كەچتە چېخنىڭ لىدىتسې كەنتىدە 16 ياشتىن يۇقىرى 140 ئەرنى ۋە بارلىق بوۋاقلارنى قىرىپ تاشلىغان ھەمدە ئاياللار بىلەن 90 بالىنى لاگېرغا سولاپ قويغان.
فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا قازا قىلغان بۇ بالىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، 1949-يىل نويابىر خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا يىغىن ئېچىپ، ھەر يىلى 1-ئىيۇننى خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. ھازىر دۇنيادا ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش توختىماي يۈز بېرىۋاتىدۇ، بالىلار ئۇنىڭ زىيىنىنى يەتكىچە تارتىۋاتىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر دۇنيادا بىر مىليارد بالا قوراللىق توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، 250 مىڭدەك ياش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قوراللىق تەشكىلات ۋە قىسىمدا مۇلازىمەت قىلىدىكەن. بالىلار دۇنيانىڭ كەلگۈسى، كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشى چوڭلارغا باغلىق. ئەلۋەتتە بالىلار تىنچ، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن دۇنياغا مۇھتاج.
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىراق بىلەن سۇرىيە چېگراسى رەسمىي ئېچىۋىتىلگەن. 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئېتىۋېتىلگەن ئىراق-سۇرىيە چېگراسى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا خادىملىرى ۋە ماللىرى نورمال ئىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت تۇرۇبا مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭەشكەن.
1988-يىلى 1-ئىيۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پاك-دىيانەتلىكنى ساقلاش لازىملىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلغان. 1988-يىلى 1-ئىيۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پاك-دىيانەتلىكنى ساقلاش لازىملىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ پۈتكۈل مۇساپىسىدا بىز چوقۇم: ئىسلاھاتنى ئىچىۋېتىپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، قەتئىيلىك بىلەن پاك-دىيانەتلىكنى ساقلىشىمىز، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەسلىكىمىز لازىم دەپ كۆرسەتكەن.1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بالىلار كىنو فىلىم ئىشلەش شىركىتى قۇرۇلغان. بۇ ئېلىمىزنىڭ مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن قۇرغان تۇنجى فىلىم ئىشلەش شىركىتى.
يولداش دىڭ يىنچاۋ مەخسۇس لەۋھە يېزىپ بەرگەن.1958-يىلى 1-ئىيۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە ژۇرنىلى «قىزىل بايراق» نەشىر قىلىنغان. 1958-يىلى 1-ئىيۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە ژۇرنىلى «قىزىل بايراق» نەشىر قىلىنغان. «قىزىل بايراق» ژۇرنىلىنىڭ بىرىنچى سانىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ 15-ئاپرېل يازغان «بىر ھەمكارلىق كوپىراتىپنى تونۇشتۇرۇش» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
1943-يىلى 1-ئىيۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ماۋ زېدۇڭ تۈزگەن «رەھبەرلىك ئۇسۇلى ھەققىدىكى قارار»نى ماقۇللىغان ۋە ئېلان قىلغان. 1943-يىلى 1-ئىيۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ماۋ زېدۇڭ تۈزگەن «رەھبەرلىك ئۇسۇلى ھەققىدىكى قارار»نى ماقۇللىغان قاراردا ئادەتتىكى چاقىرىق ۋە ئايرىم كۆرسەتمىلەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، رەھبەرلەر ۋە ئامما بىرلەشتۈرۈلگەن رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلى بايان قىلىنغان.
1936-يىلى 1-ئىيۇن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ھەربىي سىياسىي كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ تولۇقلاش، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى قىزىل ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شەنبىي ۋاياۋباۋدا قۇرۇلغان. شۇ كۈنى، بىرىنچى قاراردىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ماۋ زېدۇڭ، جاڭ ۋىنتيەن، جۇۋ ئېنلەي قاتارلىقلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغان.
گېرمانىيەنىڭ بالىلار بايرىمى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شەرقى گېرمانىيە «دىمۇكىراتىك گېرمانىيە» دە 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزىلەتتى، يەنى «خەلقئارا بالىلار بايرىمى» دەپ ئاتىلاتتى. «غەربى گېرمانىيە» دە بولسا 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزىلەتتى ھەمدە «دۇنيا بالىلار بايرىمى» دەپ ئاتىلاتتى. شەرقى ۋە غەربى گېرمانىيەدىكى ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرمۇ ئوخشىمايتتى، شەرقى گېرمانىيەدە بالىلار بايرىمى 1950-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى بالىلارنىڭ ئەڭ خۇشال كۈنى بولۇپ قالغان. يەنە بۇ كۈندە بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپلەردە دالا پائالىيىتى قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلەتتى.
بىراق فىدىراتىپ گېرمانىيەدا بالىلار بايرىمىنىڭ ھىچقانداق بىر ئالاھىدە مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى يوق، ھەتتا خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇنداق بىر بايرامنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، 1990-يىلى گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كىلىشىگە ئەگىشىپ، غەربى گېرمانىيە رايۇنىدىكى بالىلار بايرىمى كۈنى ۋە ئىسمى پۈتۈن گېرمانىيەدە ئورتاق ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، بىراق شەرقى گېرمانىيەدىكى كۆپ قىسىم رايۇنلاردا، كىشىلەر يەنىلا كونا ئۆرۈپ-ئادەت بويىچە بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. -يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرى ئىشلار كېڭىشى بۇيرۇق چىقىرىپ ھەر يىلى 1-ئىيۇن كۈنىنى ئېلىمىز بالىلىرىنىڭ بايرىمى قىلىشنى بەلگىلىگەن شۇنىڭدىن بۇيان بۇ كۈن بالىلار ئۈچۈن ھەرقانداق ھېيت-بايرامدىنمۇ ئەھمىيەتلىك بىلىنىدىغان بىر كۈن بولۇپ قالدى، (قۇربان ھېيت - رۇزا ھېيت بۇ بايراملار دىن ئەلا ئەمەس ! )بۇ كۈندە ئاتا-ئانىلار مەخسۇس بالىلىرى ئۈچۈن بىر كۈنىنى ئاجرىتىپ، بالىلىرىنى باغچىلارغا ئېلىپ بارىدۇ، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ياكى مەكتەپ ياكى ھەرخىل كۇرۇسلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ ئاتا-ئانىلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بالىلارنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ سەرخىللىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
بۈگۈن بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بارلىق بالىلارنىڭ جۈملىدىن، ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە ئازاب ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان، چەت-ياقا يېزىلاردا ئاچ-توق، يېرىم-يالىڭاچ يۈرىۋاتقان بالىلارنىڭمۇ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز. بۇ كۈن پەقەت تىنچ-خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلارنىڭلا ئەمەس، ھەممە بالىلارنىڭ بايرىمى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭمۇ بۇ بايرامدا خوشال-خورام ئويناش ھوقۇقى بار. بۇ كۈندىلا ئەمەس، ھەممە كۈندە بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى بەختىيارلىق ۋە غەم-غۇسىسىز مىنۇتلار بىلەن توشقۇزۇشقا ھەقلىق.1-ئىيۇن خەلقارا بالىلار بايرىمىنى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئاپرىلىنىڭ 4-يەكشەنبە كۈنى بولغان «دۇنيا بالىلار كۈنى»نىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئورتاق ئۆتكۈزىلىدىغان بالىلار بايرىمىدىن سىرت ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزىلىدىغان بالىلار بايرىمى كۈنىلىرىمۇ بار، بۇلار تۆرەندىكىچە:
پايۇنىيە بىر يىلدا ئۈچ قېتىم بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ، يەنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قىزلار بايرىمى، 5-ئاينىڭ5-كۈنى ئوغۇللار بايرىمى، 357 بايرىمى (يەنى 3 ياش، 5 ياش، 7 ياشلىق بالىلارغا بېغىشلانغان بايرام)
كولۇمبىيە : 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
بىرازىلىيە : 8-ئاينىڭ 15-كۈنى
كورىيە : 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
شىۋىتسىيە : 8-ئاينىڭ 7-كۈنى
6-رۇسىيە : 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
7-ھىندىستان : 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئىسلام دۆلەتلىرى : رامزاننىڭ 14-كۈنى
سىنگاپور : 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
10-ئەنگىلىيە : 7-ئاينىڭ 14-كۈنى
ھىندونىزىيە : 7-ئاينىڭ 23-كۈنى
كوبا : 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
تايلاند : 1-ئاينىڭ ئىككىنچى شەنبىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved