ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى يەڭگۈشلىنىدۇ
ۋۇخەندىن كەلگەن خۇاڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خانىمى 16 – ئىيۇن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئاقسۇغا ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قاتنايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا: جەنۇبىي شىنجاڭغىمۇ ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قاتنايدىغانلىقى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، دېدى. بۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغىمۇ ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى بىلەن بارغىلى بولىدۇ.
ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان 7/T9506 قېتىملىق پويىز 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ، ئاقسۇدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان 5/T9508 قېتىملىق پويىز 2 – ئىيۇلدىن باشلاپ قاتنايدىكەن. ھەر كۈنى ئىككىلا يۆنىلىشكە بىر قېتىم پويىز قاتنايدىكەن، بۇ پويىزغا ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن بولۇپ، ‹‹25K›› تىپلىق يېڭى ۋاگون ئىشلىتىلىدىكەن، سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 140 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، ھەممە ئورۇن كارىۋاتلىق بولۇپ، ساياھەتكە ماس كېلىدىكەن.
7/T9506 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن سائەت 21دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇغا بارىدىكەن، سەپەر ۋاقتى 11 سائەت 31 مىنۇت بولۇپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان 7/K9776 قېتىملىق پويىزدىن 2 سائەت 15 مىنۇت تېجىلىدىكەن؛ 5/T9508 قېتىملىق پويىز ئاقسۇ ۋوگزالىدىن سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8دە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا بارىدىكەن، سەپەر ۋاقتى 11 سائەت 30 مىنۇت بولىدىكەن. پويىز سەپەر جەريانىدا تۇرپان، كورلا، كۇچا، توقسۇ بېكەتلىرىدە توختايدىكەن.
ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ يولۇچىلار تىرانسپورتى تارمىقى: بۇ پويىزنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىدۇ، لېكىن بېلەت باھاسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ، بېلەت باھاسى ھازىرقى K ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىزنىڭكى بىلەن ئوخشايدۇ، دېدى.
ئۆز خەۋىرىمىز. 1 – ئىيۇل سائەت 0دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى يەڭگۈشلىنىپ، 179/Z180 قېتىملىق پويىزغا ئۆزگەرتىلىدىكەن، پويىزنىڭ باش بېكەتكە كېلىش ۋە باش بېكەتتىن قوزغىلىش ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن.
شىنجاڭ تۆمۈر يول يولۇچىلار تىرانسپورت تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەڭگۈشلىنىدىغان ‹‹25T›› تىپلىق پويىز ھازىر شىنجاڭ تۆمۈر يولىغا سەپلەنگەن نورمال سۈرئەتتىكى يولۇچىلار پويىزى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار بولۇپ، يۈرۈش سۈرئىتى تېز ۋە يۈرۈشى سىلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. ۋاگوندىكى ئەسلىھەلەر يولۇچىلارنىڭ سەپەر قىلىشىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇمشاق كارىۋاتلىق ۋاگون ۋە غىزالىنىش ۋاگونىغا سىن سىستېمىسى سەپلەنگەن، يولۇچىلار تېخىمۇ مۇۋاپىق، بىخەتەر سەپەر مۇھىتىغا ئىگە بولىدىكەن.
Z180 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن سائەت 18دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، ھازىرقى T178 قېتىملىق پويىزدىن 28 مىنۇت كېيىن قوزغىلىدىكەن، بېيجىڭغا 3 – كۈنى سائەت 9دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە بارىدىكەن، بېرىش ۋاقتى ھازىرقى بېرىش ۋاقتى بىلەن ئوخشايدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىدىكى قاتناش ۋاقتى ھازىرقى ۋاقىتتىكىدىن 28 مىنۇت تېجىلىدىكەن؛ Z179 قېتىملىك پويىز بېيجىڭدىن سائەت 15تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىدىكەن، قوزغىلىش ۋاقتى ھازىرقى T177 قېتىملىق پويىزنىڭكى بىلەن ئوخشايدىكەن، ئۈرۈمچىگە 3 – كۈنى سائەت 6دىن 20 ئۆتكەندە كېلىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىدىكى قاتناش ۋاقتى ھازىرقى ۋاقىتتىكىدىن 15 مىنۇت تېجىلىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved