چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كولومبىيە يېقىندا تارىختىكى ئەڭ كۆپ پۇلغا يارايدىغان خەزىنە، يەنى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى 300 نەچچە يىل ئىلگىرى چۆكتۈرۈۋەتكەن ئالتۇن، كۈمۈش، قىممەتلىك بايلىقلار قاچىلانغان ئىسپانىيە پاراخوتىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىدىكىلەر ئولتۇرالماي قالغان. ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ قارىشىچە، پاراخوت ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مال-مۈلكى، شۇڭا ئۇنى ئىسپانىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك، شۇنداقلا ئالاقىدار خەلقئارالىق كېلىشىمگە ئاساسەن، ھېچبولمىغاندا بىر ئۈلۈش بايلىققا ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن، ئەمما كولومبىيە ھۆكۈمىتى «يالغۇز يۇتۇۋېلىش»تا چىڭ تۇرغان.
كولومبىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىسپانىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى جوسې گارسىيا 12-دېكابىر يەرلىك تاراتقۇلارغا تەرەپلەر ئارىسىدا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ يەنە: بۇ پاراخوت چۆكۈپ كەتكەندە ئىسپانىيەنىڭ بايرىقىنى قادىغان، شۇڭا ئىسپانىيەگە تەۋە بولۇشى كېرەك، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پاراخوتنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار، دېگەن.
بۇ پاراخوت 1708-يىلى كارپ دېڭىزىدا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، پاراخوتقا قاچىلانغان ئالتۇن، كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىتلارنىڭ قىممىتى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved