ئىسپانىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىغا 20- دېكابىر ئاۋاز بېرىلدى. سايلىغۇچىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 52 سايلام رايونىدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 350 ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ 208 ئەزاسىنى سايلام چىقىدۇ. يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈپ دۆلەتنىڭ باش ۋەزىرىنى سايلام چىقىدۇ.
بۇ قېتىمقى چوڭ سايلام ياۋروپا تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ تەھىدىتىگە ئۇچراشتەك كۆلەڭگە ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى چوڭ سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىن كۆپلىگەن ئامانلىقنى ساقلاش كۈچىنى يۆتكىدى، 91 مىڭ 700 ساقچى ۋە خەلق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرى چارلاش ۋە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئىجرا قىلدى. بۇ، ئىسپانىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بىلىدىغان، قاتتىق ئېھتىماللىق ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق سايلام بولدى. ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسىي سەھنىنى ئىگىلەپ تۇرۇش ۋەزىيىتى بۇزۇپ تاشلىنىپ، تۇنجى قېتىم تۆت پارتىيەنىڭ تالاش تارتىش ئىلىپ بېرىشىدەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved