شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېسداشلىق قىلىدۇ ھەمدە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىگۇناھ كىشىلەرنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈشتەك بۇنداق قەبىھ جىنايى قىلمىشلارنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ خورىكىنى يوقۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved