شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 3-نويابىر تېلېگراممىسى : مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 3-نويابىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى راشاد بىلەن كۆرۈشتى .
جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى : جۇڭگو-پاكىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلەردىن . ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ، ئورتاق تونۇش . نۆۋەتتە ، جۇڭگو-پاكىستان ئىككى تەرەپ قانۇن تۇرغۇزۇش ، ئارمىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلارنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ‹‹جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ››نى بەرپا قىلىش كېرەك .
ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىپ ، رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك . جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پاكىستان پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، قانۇن تۇرغۇزۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ ، دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved