جۇڭگو ئاخبارات تورى، 4-مارت تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان شىمالىدىكى پىشاۋار شەھىرىدە 500 دىن ئارتۇق ئائىلە باشلىقى بالىلىرىغا بالىلار پالەچ كېسىلى ۋاكسىنى ئەملەشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان. پىشاۋار شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ساقچى دائىرىلىرى شۇ جاي ۋاقتى 2-مارت جەمئىي 513 نەپەر ئائىلە باشلىقىنى يۇقىرىدىكى سەۋەب بىلەن قولغا ئالدى.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەگەر بۇ ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىغا ۋاكسىنا ئەملەش توغرىسىدىكى كاپالەتنامىگە ئىمزا قويسا ۋە كېپىللىك پۇلى تاپشۇرسا قويۇپ بېرىلىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا داۋالاش خادىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن ساقچىلار ئامالسىز بۇ ئائىلە باشلىقلىرىنى قولغا ئالغان. چۈنكى پاكىستاندا ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق بالىلارنىڭ پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved