جۇڭگو -ۋېيتنام چېگراسىدا قوراللىق ئېتشىش يۈز بىرىپ 5 نەپەر جۇڭگولۇق بىلەن 2 نەپەر ۋېيتنام ساقچىسى ئۆلدى

جاھان كىزەر تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىلەن ۋېيتنام چېگرا قىسىم ساقچىلىرى ئارىسدا ۋېيتنامنىڭ گۇاڭنىڭ ئۆلكىسىدە بىر قېتىملىق قوراللىق ئېتشىش يۈز بەرگەن بۇلۇپ، ئاللىقاچان 5 نەپەر جۇڭگولۇق بىلەن 2 نەپەر ۋېيتنام ساقچىسنىڭ ئۆلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

نۆۋەتتە ، ۋېيتنام  گۇاڭنىڭ ئۆلكىسى تەرەپ بۇ ئىشنىڭ تېرورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، جۇڭگو -ۋېيتنام ئىككى تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىككى تەرەپ ھازىر مۇشۇ ئىشقا قارىتا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرۋېتىپتۇ. 

خەۋەر قىلنىشىچە، ۋېيتنام گۇاڭنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەت ئۆزىنىڭ تور بېتىدە يۇقارقى ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بايانات قىلغان . باياناتتا دىيلىشىچە، گۇاڭنىڭ ئۆلكىسى ئاللىقاچان مەزكۇر ۋەقەنى ۋېيتنام مەركىزى ھۆكمىتىگە دوكلات قىلغان ھەمدە جىددى يىغىن چاقىرغان. 

تۈنۈگۈن سەل بۇرۇنقى ۋاقىتتا ، 16 نەپەر  جۇڭگولۇق پۇقرا جۇڭگو -ۋېيتنام چېگراسدىكى كىرىش ئېغزىدا ۋېيتنام ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت نەپەر ئايال ۋە ئىككى كىچىك بالا بار . بۇندىن بۇرۇن ۋېيتنام تەرەپ   جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە ئەمەلدارىنىڭ بۇ بىر توپ قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكۈچلەرنىڭ ۋېيتنام تەرەپكە قانۇنسىز ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋالغان. 

ۋېيتنام ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىچە، ئاشۇ كۈنى چۈشتە، ۋېيتنام تەرەپ  بۇ بىر توپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگردىن قوغلاپ چىقىرىپ جۇڭگو تەرەپكە قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان.  بىر قىسىم ۋېيتنام خادىملىرى قايتۇرۋېتىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى زۆرۈر خەت-چەكلەرنى تولدۇرۋاتقاندا، قىسمەن جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋېيتناملىق خادىمنىڭ قولىدىكى AK-47قورالىنى تارتىۋېلىپ ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. بىر نەپەر  ۋېيتناملىق خادىم نەخ مەيداندا ھاياتىدىن  ئايرىلغان يەنە بىر يارىسى ئېغىر  خادىم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن بۇندىن باشقا يەنە تۆت ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. ۋېيتنام تەرەپ جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قورال تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلغان بۇلۇپ ئاياللارنىڭ قولدىكى پىچاق قاتارلىق قوراللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن ئۇلار داۋاملىق قارشى تۇرۇپ تىركەشكەن.

ئەڭ ئاخىردا بەش نەپەر جۇڭگولۇق تۇقۇنۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن  ، ھازىرچە ئۆلگۈچلەرنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار بارمۇ يوق بۇنىسى تېخى ئېنىق ئەمەس . ئۆلگۈچلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلەر دېرىزىدىن سەكرەپ ئۆلگەن يەنە بەزىلەر ۋېيتناملىق ساقچىلار تەرپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن . 

خەۋەر قىلنىشىچە ، بۇ قېتىمقى تۇقۇنۇشتىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ جەسىتى ۋە ئامان قاالغۇچىلار شۇ كۈنى كەچكە يېقىش جۇڭگو ھەربىي تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا ۋەقە يۈز بەرگەن جاي ئەسلى ھالىتىگە قايتقان. 

گۇاڭنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەت باياناتىدا دىيشىچە، ۋېيتنام  مۇھاپىزەتخانىسدىكى ئىشخانا پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلققا ئۇچرىغان بۇلۇپ ، ۋېيتنام تەرەپ بۇ جايغا ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى كۆپەيتكەن. 

تۈنۈگۈن كەچتە ، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى  ئاممىۋى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسنىڭ ھۆكىمەت مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلنىشىچە، جۇڭگو تەرەپ ئاللىقاچان جۇڭگو - ۋېيتنام چېگراسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلغان، ھازىر ئالاقىدار تارماقلار بىلەن چىڭ تۇتۇپ دەلىللەپ ، ۋەقەنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى چۈشەنمەكتە .

جۇڭگونىڭ ۋېيتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسنىڭ سىياسى ئىشلار باشقارمىسىدىكى خادىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان بۇلۇپ ، كونكىرىتنى تەپسىلاتنى ئاشكارلاشقا تېخى يوليۇرۇق بېرىلمىگەن . 

گۇاڭشى نەننىڭ چېگرا مۇداپىئە  تەكشۈرۈش نوقتىسدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ ۋەقە ئالدى بىلەن ۋېيتنام تەرپىدىن ئاشكارلانغان بۇلۇپ ، جۇڭگو  تەرەپ ھازىر  بۇ ئىشقا دىققەت قىلماقتا. 



19-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جىڭخۇا ۋاقىتلىق گېزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek