Android سىستېمىسىنىڭ بىرلەشمە ئاساس سالغۇچىسى ئاندىي رۇبىن (Andy Rubin) ئەقلىي يانفون بازىرغا قايتىشنى پىلانلىغان. The Information تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇبىن ئەمدى ئەقلىي يانفون يۇمشاق دېتالىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، بەلكى Android يانفونى ئىشلەش ئويى بار ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇبىن نۆۋەتتە يېڭى شىركەت ئۈچۈن خادىم قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ. ئەمما نۆۋەتتە رۇبىننىڭ يېڭى شىركەتتە رەھبەرلىك رولىنى ئۆتەيدىغانلىقى ياكى پەقەتلا مەبلەغ تەمىنلىگۈچى بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
بۇ يېڭى يانفون شىركىتى رۇبىن قۇرغان Playground Fund ئىنكۇباتور شىركىتىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى مۇمكىن. رۇبىن 2014-يىلى كۈزدە گۇگولدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىنكۇباتور شىركىتىنى قۇرغان. ھازىرغا قەدەر، Playground Fund شىركىتى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغكە ئېرىشتى. ئۇ سۈنئىي ئەقىل ۋە ئەقلىي ئائىلە سايمانلىرى تۈرىگە مەبلەغ سالدى. بىراق خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇبىن Android يانفون بازىرى يەنىلا پىشىپ يېتىلمىدى، يېڭى شىركەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا پۇرسەت بار، دەپ قارايدىكەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved