يامغۇردىن كېيىن دەرەخ شاخلىرى بىخ چىقاردى.
شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: 20-مارت، ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈنى، دېيىشىپ قويغاندەكلا سىم-سىم يامغۇر يېغىپ ئۈرۈمچى 2016-يىلدىكى تۇنجى يامغۇرنى كۈتۈۋالدى. كەلگۈسى نەچچە كۈندە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدىكەن. ئاۋۋالقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا 2016-يىلدىكى باھار بىر ھەپتە بۇرۇن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېقىندا كۆرۈلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئانچە كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن تېمپېراتۇرىدا زور ئۆزگىرىش بولمىغان. مۇشۇ ھەپتىدە، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن. تېمپېراتۇرا تۇز سىزىق بويىچە ئۆرلەپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا℃6 قا يېتىدىكەن. 22-مارتتىن كېيىن تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ℃15 قا چىقىشىغا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ℃0 تىن يۇقىرى بولۇشىدا ئۈمىد زور ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved