csdnخەۋىرى لەگلەك تەرجىمىسى؛بۇ يىل 7-ئايدا مەركىزىي ھۆكۈمەت ئورگىنىغا قاراشلىق سېتىۋىلىش مەركىزىي، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى مىكروسوفت windows8 سىستېمىسىغا يېڭلاشقا بولمايدۇ دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
كەسپى ئىچىدە ئانالىزلاپ ماقۇللىقدىن ئۆتكەن.windows8 مەشغۇلات سىستېمىسىدائابونتلار بۇلۇت سۇپىسىغا ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى بولغانلىقى ئۈچۈن بولۇپ ئاسانلام مۇھىم ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى سىرتقا ئاشكارلىنىپ كېتىش خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزدە تۇتقان.
جوڭگو قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى ئاكادېمىكى نىگۇاڭنەن :«بۇنداق شارائىت دۆلىتىمىز ئاچقان مەشغۇلار سىستېمىسىغا بىر مۇھىم پۇرسەت »دەپ قارايدۇ.دۆلىتىمىز ئاچقان مەشغۇلات سىستېمىسى داۋاملىق مۇھىم ئورگانلاردا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرمىغاندا تەرققىيات پۇرسىتى ئاز بولىدۇ ۋە ئاسانلام سىستېما ئارقا سۇپا ئاچقۇچى باشقىلارنىڭ قولىغا كىرىپ كېتىشى مۇمكىن بۇنداق بولغاندا دۆلەت ئۇچۇر بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولماي قالىدۇ.
دۆلىتىمىز ئاچقان مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ئەھۋالى
بۈگۈنگە قەدەر دۆلىتىمىز ئاچقان مەشغۇلات سىستېمىسىغا قارىتا ھېچقانداق چۈشەنچە يوق.
دۆلىتىمىز ئاچقان مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسى لىنىكىس كودلىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ ئاچقان بولۇپ يېڭلىق ئاز ،دۆلىتىمىز ئاچقان مەشغۇلات سىستېمىسى دىسەك باشقىلارنىڭ ئىسىگە دەرھاللام 中科红旗、银河麒麟、中标Linux、同洲电子960手机、中国COSقاتارلىقلار مەشغۇلات سىستېمىلىرى كىلىدۇ.
لىكىن يۇقارقى مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى تاھازىرغىچە بىر پرسەنتكە يەتكىنى يوق.
جوڭگو ئۇچۇر ئېلېكتىرۇن كەسپى تەجرىبە تەرەققىيات ئېنىستىتۇتىنىڭ ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارايدىغان بولساق مىكروسوفت windows(كۆزنەك)مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىكرانلىق ئۈسكۈنىلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى 90%دىن ئاشىدۇ.گوگولandroid ۋە ئالما ios مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئىگىلىگەن نىسبىتى 95%گە يەتكەن.
دۆلىتىمىز ئاچقان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەرققىيات يولى ئۇزۇن بولۇپ بۇنىڭدىن كېيىن بازار ئىگىلەش نىسبىتى داۋاملىق ئىشىپ بارغۇسى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved