3-ئاينىڭ 18-كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې ئوبلاستى جىيەنشۇي ناھىيەسى تېغىدىكى ئورمانلىققا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن بولۇپ، ئورمانلىققا ئوت كېتىش سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە تاغدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت ئاللىقاچان بەش تاغقا يامراپ كەتكەن بولۇپ، ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەن ئورمانلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىرغا يەتكەن. ئۇزۇن مەزگىل ھاۋا قۇرغاق بولغانلىقى، يەنە كېلىپ شامال كۈچلۈك بولغانلىقى سەۋەبىدىن تاغدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت ناھايىتى تېزلا يامراپ كەتكەن. نۆۋەتتە شۇ جايدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرى ۋە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم 8750-ئەترىتىنىڭ 800 دىن ئارتۇق ئوفېتسىر-ئەسكىرى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئاتلانغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved