ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون سايلىغۇچىلارنى كىلەر يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە ئاۋاز بېرىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن،كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا بىر قاتار باج ئىسلاھات پىلانىنى جاكارلىدى.
ئۇ، ئەگەر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىلەر يىللىق چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ قالىدىغان بولسا، 30 مىليون كىشىنىڭ بېجىنىڭ ئازايتىلىدىغانلىقى ۋەدە بەردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: %40 كىشىنىڭ شەخسى تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكى نۆۋەتتىكى 41 مىڭ 900 پوند ستېرلىڭدىن 50 مىڭ پوند ستېرلىڭغا كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر %40 باج تاپشۇرىدۇ، بۇ ئادىل ئەمەس.
ئۇندىن باشقا، ھەر ھەپتىسى 30 سائەت خىزمەت قىلىدىغان ھەمدە ئىش ھەققى ئەڭ تۆۋەن بولغانلار شەخسى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمايدۇ. كامېرون مۇنداق دېدى: بۇ ئىسلاھات ھەقىقى ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنى قوللاش بولۇپ، جاپالىق خىزمەت قىلغانلارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved