پاكىستان پارلامېنتى تۈنۈگۈن قارار ماقۇللاپ، يەمەن كىرزىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
قاراردا مۇنداق دېيىلدى: پاكىستان كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان يەمەن ۋەزىيىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، كىرزىس پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
پاكىستان پارلامېنتى مۇشۇ ھەپتە يىغىن ئېچىپ، يەمەن ۋەزىيىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف يىغىنغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستانى پاكىستاندىن كۆرەشچى ئايروپىلان، ھەربىي پاراخوت ۋە قۇرۇقلۇق قىسمى ئاجىرتىپ قۇسەي قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پاكىستان پارلامېنتى يەمەن توقۇنۇشىغا قاتنىشىشقا قارشى تۇرىدۇ لېكىن ناۋادا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى تەھدىتكە ئۇچرىسا، پاكىستان سەئۇدى ئەرەبىستانىنى قوللايدۇ دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved