سۈرەتتە: يېقىندا ئامېرىكىلىق 27 ياشلىق جېن گىلانتىز (Jen Glantz) توردا داڭق چىقىرىشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇ ئالدىنقى بىر يىلدا 30 قېتىم قولداش بولغان ئىدى.
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، جېن گىلانتىز 2015-يىلى جەمئىي 30 قېتىم قىز قولداش بولغان، بۇ «27 يۈرۈش مۇراسىم كىيىمى» ناملىق فىلىمدىكى كاتېرىن خېيىگىل (Katherine Heigl) نىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان قېتىم سانى بىلەن تەڭ. توي مۇراسىمىدا، جېن گىلانتىز ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەسىلەن كېلىنچەك يۈزىگە تور يېپىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىقلار. بىراق جېن گىلانتىز ھەرگىزمۇ يېقىن دوست سالاھىيتىدە توي مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ، بەلكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق كەسپىي قولداش سالاھىتى بىلەن تويغا قاتنىشىدۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جېن گىلانتىز دەسلەپتە بۇ كەسىپنى تاللىشىدىكى سەۋەبى پەقەت تېخىمۇ كۆپ بويتاق قىزلار بىلەن بىللە كۆڭۈل ئېچىش ئىكەن. بىراق ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ ھەممىسى بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى دېگۈدەك توي قىلىشقا باشلىغان، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:«ئۇلار ساياھەت قىلمايدىغان بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن ئۆي ئىشلىرى ۋە بالا بېقىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك ئىدى.» شۇڭلاشقا جېن گىلانتىز يېڭىدىن بىر قىسىم بويتاق دوستلار بىلەن تونۇشقان، بىراق بۇ دوستلارمۇ توي قىلىشقا باشلىغان، بەزىلىرى جېن گىلانتىزنى قولداش بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن جېن گىلانتىز تۇيۇقسىزلا ناھايىتى كەسكىن ھالدا كەسپىي قولداش بولۇشنى قارار قىلغان.
«كەسپىي قولداش» تېخى تولۇق بازارلاشتۇرۇلمىغان، تولۇق ئېچىلمىغان بىر كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جېن گىلانتىز بەش يىل ئىچىدە 459 پارچە تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. يېڭى كېلىنچەكنى ئازادە ھالدا چېركاۋغا كىرىشكە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، جېن گىلانتىز ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالغان ئىشلىرىنىڭ مىقدارىغا قاراپ قولداش بولۇش مۇلازىمەت ھەققى 199 دوللار (تەخمىنەن 1236 يۈەن خەلق پۇلى) دىن 1000 دوللار (تەخمىنەن 6209 يۈەن خەلق پۇلى) غىچە ئوخشاش بولمايدۇ.
خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، توي مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا، جېن گىلانتىز بىر قىسىم يېڭى كېلىنچەكلەر بىلەن ھەقىقىي دوستلاردىن بولۇپ قالدى. بىر يىلدىن بۇيان، جېن گىلانتىز ئۆز كەسپىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىغان، چۈنكى ئۇ بۇ كەسىپ ئارقىلىق كىرىم قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ھەقىقىي دوستلۇقنى بايقىغان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved