نېپال كاتماندۇدىكى ئامما شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىل 7-ماي كېچە تۈنەك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: نېپال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نېپالدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە 8019 ئادەم قازا قىلغان، 17 مىڭ 866 ئادەم يارىلانغان.
نېپالدىكى قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىكتە يۈز بەرگەن تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش ۋە قار كۆچكۈنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن.
نېپال دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، نېپالدا تۈنۈگۈن (10-ماي) يەنە تۆت قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن، بۇنىڭ بىلەن قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۈز بەرگەن قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ سانى 150 قېتىمدىن ئاشقان.
نېپال سەھىيە ۋە نوپۇس مىنىستىرلىقىنىڭ سالىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خەلقئارالىق 85 داۋالاش ئۆمىكىنىڭ 2700 دىن ئارتۇق خادىمى نېپالدا داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved