جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈندىكى تېلگىراممىسى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىچە، ئامىرىكا پىرىزدېنتى ئوبامانىڭ فېلىپپىندىكى زىيارىتنى ئاخىرلاشتۇرىشى بىلەن تەڭلا 5- چېسلا ئىككى دۆلەت بۇيىللىق ئەڭ چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى.
خەۋەر قىلنىشچە، بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت بىرلەشمە مانېۋىرى ئىككى ھەپتە داۋام قىلدىغان بۇلۇپ، 5500 نەپەر ئامىرىكا ۋە فېلىپپىن ئەسكىرى قاتناشقان.
ئىگەللىنشىچە، بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى فىلىپپىن ئەسكەرلىرنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپلا قالماستىن يەنە ئارمىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركەت ئۈنۈمنى كۆرنەرلىك ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار ئىكەن ،بۇندىن باشقا يەنە كىيىنكى قېتىم ئامىرىكا ئارمىيسى بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى ئامىرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 4-ئاينىڭ28-كۈنى فىلىپپىنغا قارىتا زىيارىتىنى باشلىغان.ئوباما مانىلاغا يىتىپ بېرىشتىن ئۈچ سائەت ئىلگىرى ئامىرىكا -فىلىپپىن ئىككى تەرەپ نەچچە نۆۋەتلىك مۈشكۈل سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاخىرى يېڭى ھەربىي كىلشىمگە ئىمزا قويغان.ئامىرىكا ئارمىيسى 20 نەچچە يىلدىن كىيىن يەنە قايتا فىلىپپىن ھەربىي بازىسغا كىرەلىگەن.
ئارقىدىنلا فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ،ئامىرىكا-فىلىپپىن مۇداپىئە ھەمكارلقنى كۈچەيتىش كېلشىمنامىسگە مەسئۇل خادىم بادىنونىڭ دىيشىچە، فىلىپپىن ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بەش ھەربىي بازىسنى ئامىرىكا ئارمىيسىگە ئېچىپ بىردىكەن.
ئامىرىكا -فىلىپپىن سۆھبىتىدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئامىرىكا تەرەپ فىلىپپىننىڭ ئىلگىرى ئامىرىكىغا تەۋە بولغان ئۈچ ھەربىي بازىنى ۋە مانىلاغا جايلاشقان فىلىپىن ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ئاشىنادو گازارمىسنىمۇ ئېچىپ بىرشىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەر قىلنىشچە ،ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى شۇ جاي ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 8 يېرىمدا باشلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved